قالدۇق دورىلار ئېزىلىپ قايتىدىن قان بېسىم دورىلىرى ياسالغان

0 2011-09-05 09:56:08   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
5-ئاينىڭ 18-كۈنى فاڭشەن رايونلۇق مەلۇم كەنتتىكى خادىم ئىجارىگە بېرىگەن ئۆيلەرنى نوپۇسقا ئېلىۋاتقاندا ، مەلۇم بىر ئائىلىكنىڭ ساختا مال ياساش ئۇۋىسىنى بايقاپ قالغان .
ئۆي ئىچىگە نۇرغۇنلىغان كاپسۇل قاپلىرى دۆۋىلەپ قويۇلغان ، ئاق ئۇندەك ماددىلار ھەممە يەردە بولۇپ ، قەغەز يەشىكلەر نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە دۆۋىلەپ قويۇلغان بولۇپ ، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى پۇقرانىڭ نورمال ئۆيىگە ئوخشىمايدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ كەنت خادىمى دەرھال مۇناسىۋەتلىك ساقچىخانا بىلەن ئالاقىلەشكەن .
قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ، مەھسۇلات ياساۋاتقان كىشىنى كونترول قىلغان .ئەسلىدە بۇ بىر ساختا دورا ياسايدىغان ئۇۋا بولۇپ ، باش جىنايەتچى ئاللىبۇرۇن قېچىپ كەتكەنىكەن .تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىسى يوقلۇقىنى بايقىغان ، ياز كۈنىدىكى ئىسسىق ھاۋادا ئۆي ئىچىدىكى مەينەتچىلىكتە قۇرۇت -قوڭغۇز ،چىۋىنلار ئۇچۇپ يۈرگەنىكەن .
قولغا ئېلىنغان چېن فامىلىلىكنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ خۇبېيلىك بولۇپ ، يۇرتدىشى جاڭ فامىلىلىك (قېچىپ كەتكەن باش جىنايەتچى) ئۇنى ساختا دورا ياساشقا بۇيرۇغانىكەن . ھەر ئايدا ئۇنىڭغا 2000يۈەن مائاش بېرىشقا دېيىشكەنىكەن .
بۇ جەرياندا ، جاڭ فامىلىلىك سىرتتىن ئاق رەڭلىك دورا پارچىلىرىنى يىغىپ كېلىپ ، ئۇۋىتىپ ئىشلەپ چىقىرىشقا مەسئۇل بولغان ،چېن فامىلىلىك بىلەن يەنە بىرى ئىككىسى دورىلارنى كاپسۇل قېپىغا سېلىشقا ، قۇتىلارغا سېلىپ ئېغزىنى پېچەتلەپ ، ماركا چاپلاشقا مەسئۇل بولغان . دورىلار پۈكەندىن كېيىن جاڭ فامىلىلىك دورىلارنى تېز پوچتا ئارقىلىق لياۋنىڭ ،تىيەنجىن ،خۇبېي قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىدىكەن . جاڭ فامىلىلىك ھەر قېتىم مال سالغاندا ئىسىم فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرمايدىكەن .
ئەيىبلىگۈچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە ، تەكشۈرۈشتىن كېيىن ،بۇلار ئىشلەپ چىقارغان دورىلاردىن لىنلىچىڭ كاپسۇلى ،سەنخۇاڭ سىرتقا ئىشلىتىش دورىسى ، قىزىل سېرىق قوش رەڭلىك كاپسۇلى ،ئاق كۆك قوش رەڭلىك كاپسۇلى ،ماركىسىز ئاق قۇتىلىق كاپسۇل قاتارلىق دورىلار بار بولۇپ ، ئاساسلىقى قان بېسىم تۆۋەنلىتىش ۋە دېئابىت كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدىكەن .
بېيجىڭ شەھەرلىك دورىلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ، بۇ بەش خىل دورىنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ساختا دورىغا كىرىدىغانلىقى ھەمدە ئادەم بەدىنىگە زور دەرىجىدە زىيانلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博