ئېغزى ئېچىلمىغان پېپسى كولا ئىچىدىن ئۆلۈك ھاشارات چىقتى

22011-09-05 10:25:01   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
8-ئاينىڭ 7-كۈنى سۇ ئەپەندى بىلەن سۇ خانىم باۋئەن رايونىدىكى مەلۇم بىر دۇكاندىن بىر بوتۇلكا 500مېللېلېتىرلىق پېپسى كولا سېتىۋالغان .كولانى قولىغا ئېلىپ تۇيۇقسىز ئىچىدە بىر دانە قۇرۇت جەسىتىنىڭ لەيلەپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن . سۇ خانىمنىڭ دېيىشىچە چىۋىنغا ئوخشاپ قالىدىغان ھاشارات بولۇپ ، قاناتلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن . سۇ ئەپەندىم شۇ رايونغا مەسئۇل ساتقۇچى خادىمنى چاقىرىپ كېلىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان ، خادىم نەق مەيداندىن كولانىڭ ئېغزى ئېچىلمىغانلىقىنى ، قۇرۇتنىڭ ئادەم تەرىپىدىن سېلىپ قويۇلمىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئۇلارغا بىر يەشىك ساپ سۇ تۆلەم بېرىشنى ئېيتقان ،ھەم تۆلەم بېرىشكە نىسبەتەن پوزىتسىيىسى ئىنتايىن ناچار بولغان ، سۇ ئەپەندىم مال ساتقۇچىنىڭ تۆلەم بېرىش پىكرىنى نەق مەيداندا رەت قىلغان ، مال ساتقۇچى ئۇلارغا گۇاڭجۇدىكى مەھسۇلات سۈپىتىگە مەسئۇل ئادەم فۇ دىرېكتور بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان .ئەمما ۋەقەدىن كېيىن ئىزچىل خەۋىرى بولمىغان ، فۇ دېرىكتورنىڭمۇ قارىسى كۆرۈنمىگەن .
سۇ ئەپەندىم ئىزچىل پىپسې كولانىڭ شېنجىندىكى باش ئاپپاراتىغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ ، ياكى ئاۋازلىق سۆز قالدۇرۇش ياكى ئالىدىغان ئادەم يوق بولۇپ ، نەتىجىسىز بولغان . بۇنداق چوڭ شىركەت مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا بىز قانداقمۇ بۇلارغا داۋاملىق ئىشىنىمىز ؟ سۇ ئەپەندىم بۇ ئىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدىن قاتتىق نارازى بولغان .
مۇخبىر شېنجىندىكى مەسئۇل باش شىركەت بىلەن ئالاقىلەشكەندە قارشى تەرەپ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىغان ،مۇخبىر ۋەقەنى بايان قىلغاندا ، قارشى تەرەپ گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشنىمۇ خالىماستىن ، ماڭا زىيارەتنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بېرىلمىگەن ، سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز يۇقىرىدىكىلەر مەسىلىگە قارىتا ھەل قىلىش ئېلىپ بارىدۇ دېگەن ، ئەمما ھازىرغىچە ئۆلۈك قۇرۇت ۋەقەسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق تەپسىلىي چۈشەنچە ۋە بىرتەرەپ قىلىش ئېلىپ بېرىلمىغان .
باشقا خەۋەرلەردىن قارىغاندا پېپسى كولاسىدن قالايمىقان نەرسىلەرنىڭ چىقىش ھادىسىسى بىرىنچى قېتىملىق ئەمەسكەن .1993-يىلى ئامېرىكىدا بىر ئايال ئىچكەن كولانىڭ ئىچىدىن يىڭنە چىققان ، بىراق ۋەقەدىن كېيىن مەسئۇل تەرەپ كەچۈرۈم سوراپ ، بەلگىلىك تۆلەم بېرىپ ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا قارىتا زىيارەت ئېلىپ بارغان .