جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھ شىركىتى (جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى) تۈركمەنىستاننىڭ ئامۇ دەرياسى بويىدا غايەت زور نېفىت - تەبىئىي گازلىقنى بايقىدى.
جۇڭگو ئىنژېنېرلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، مەزكۇر نېفىت - تەبىئىي گازلىقنىڭ تەبىئىي گاز زاپىسى تەخمىنەن 1 تىرىليون 600 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنسىتان ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى يېتەرلىك تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، 2009 - يىلى12- ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى2015- يىلىغا بارغاندا يىللىق توشۇش ئىقتىدارى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭگونى يىلدا 40 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن، لېكىن بۇ تۇرۇبا لىنىيەسى ئۆتىدىغان قازاقىستانمۇ بۇ تۇرۇبىدىكى تەبىئىي گازدىن بەھىرلىنىدىكەن.
يېقىندا تۈركمەنىستان يېڭى بېسىملىق گاز ئىستانسىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ يىللىق توشۇش ئىقتىدارى ئەسلىدىكى 6 مىليارد كۇب مېتىردىن 22 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى.
ھەمبەھىرلىنىڭ