دوڭگۈەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بۇ شەھەردە يۈز بەرگەن پەۋقۇلادە چوڭ ساختا پۇل دېلوسىغا سوت ئېچىپ ،باش جىنايەتچى شىياۋ گۇيخۇڭغا ئۆلۈم جازاسى بەردى ،قالغان 15جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشتىن تارتىپ ،بىريىل 10ئايىلىققىچە قاماق جازاسى بەردى ھەمدە 350مىڭ يۈەندىن 60مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويدى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى :بۇ قېتىمقى دېلوغا 56مىلىيون يۈەن ،110مىلىيون 971مىڭ 500يۈەن ۋە 2مىلىيون 785مىڭ يۈەن ساختا پۇلنى ياساپ سېتىشقا دائىر ئۈچ قېتىملىق جىنايەت چېتىلىدۇ ،بۇنىڭ ئارىسىدىكى 56مىلىيون يۈەن ساختا پۇل سېتىۋېتىلگەن ،شۇڭا قايتۇرۋالغىلى بولمىدى .