ئىگىلىنىشچە ،شەھەرلىك پارتىكوم ،شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يىل 100مىلىيون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ،شەھەر بويىچە 400مۇھىت ئاسرايدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانا كۆپەيتىشنى پىلانلىغان .
بۇ قېتىمقى مۇھىت ئاسرايدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانلار يول قاتنىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ،شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ھاجەتخانا ئىشلىتىشكە قولايلىك بولغان يول بۆلەكلىرىگە ئورنىتىلدىكەن ،مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يەنە ئالايىتەن مېيىپلار ئىشلىتىدىغان مۇھىت ئاسرايدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن ئالتىنى لاھىيلىگەن .
ھەر قايسى رايونلار مۇھىت ئاسرايدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانلارغا مەخسۇس باشقۇرغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ھاجەتخانىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەر قېتىمدا 5مو ھەق ئالىدىكەن .
ھازىر شەھرىمىزدە 609ئاممىۋى ھاجەتخانا بار بۇلۇپ ،يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 400ھاجەتخانىنى قوشقاندا 1009غا يېتىدىكەن .
ھەمبەھىرلىنىڭ