شوخلىنى خام يېگەندە ئوزۇقلۇق ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ

0 2011-07-28 16:39:57   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   تومۇز ئىسسىقتا نۇرغۇن كىشىلەر شوخلا يەپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ئۇلار شوخلىنى خام يېگەندە ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوقلۇقىنى بىلمەيدۇ.
      شوخلىدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق تەركىب لىكوپېرزىتسىن بولۇپ، ئۇنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئۈنۈمى ياخشى بولغاچقا، »ئالتۇن ئۆسۈملۈك« دەپ تەرىپلىنىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، بۇنداق ماددا مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش ۋە بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، لىكوپېرزىتسىننىڭ يەنە ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن. شوخلىنى قىزىتىپ ياكى ياغدا قورۇپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەننىڭ لىكوپېرزىتسىننى قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. چۈنكى شوخلىنى قىزىتقاندىن كېيىن شوخلىنىڭ ھۈجەيرە دىۋارى بۇزۇلۇپ، لىكوپېرزىتسىن تولۇق ئاجرىلىپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شوخلىنى خام يېگەندە ئازراق ياغ ئارىلاشتۇرۇۋەتسىمۇ لىكوپېرزىتسىننىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئاشىدىكەن. لېكىن، بۇنداق قىلغاندا ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئېشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى شوخلىنى قىزىتىپ يېيىش كېرەككەن.
       بەزىلەر: شوخلىنى قىزدۇرغاندىن كېيىن ۋىتامىن C زىيانغا ئۇچرىمامدۇ؟، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. شوخلىدا مېۋە كىسلاتاسى مول بولۇپ، شوخلىنى قىزدۇرغاندىن كېيىن مېۋە كىسلاتاسى ۋىتامىن C نى مۇئەييەن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، باشقا كۆكتاتلاردا ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى شوخلىدىن كۆپ بولغاچقا، شوخلىنى قىزدۇرۇپ يېگەندە زىيانغا ئۇچرايدىغان ۋېتامىن cباشقا كۆكتاتلار ئارقىلىق تولۇقلىندۇ .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر