ئاغرىق توختىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

0 2011-07-28 16:37:26   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      نەپەس ئارقىلىق ئاغرىق توختىتىش: ئاۋۋال چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئاندىن ئاستا چىقىرىش ھەمدە كۆزنى يۇمۇپ، ھاۋانىڭ ئۆپكىگە كىرىۋاتقانلىقىنى ئويلاش ۋە ساناق ساناش كېرەك.
      مۇسكۇلنى بوشىتىش ئارقىلىق ئاغرىق توختىتىش: پىسخىكا جەھەتتىكى جىددىيلىكنى تۈگىتىپ، مۇسكۇلنى بوشىتىش ئارقىلىق ئاغرىقنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مۇسكۇلنى بوشىتىش ئۇسۇلى ھەر خىل بولىدۇ. يەنى ئۇھ تارتىش، ئەسنەش، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش قاتارلىقلار.
      مۇزىكا ئارقىلىق ئاغرىق توختىتىش: ياخشى كۆرگەن ناخشا -مۇزىكىلارنى ئاڭلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەڭ ئېيتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا دىققەتنى چېچىپ جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
      دىققەتنى بۇراش ئارقىلىق ئاغرىق توختىتىش: تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن دىققەتنى چاچسا ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن: تېلېۋىزور كۆرۈش، ھېكايە ئاڭلاش، كىتاب ئوقۇش، پاراڭلىشىش قاتارلىقلار.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر