ئادەتتە، ئائىلىدە ئاياغ كىيىملىرىمىزنى ئاياغ ئىشكاپىغا سېلىۋېتىمىز، ئىشكاپنى تازىلاشقا، شامال ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيمىز. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش خاتا. يېقىندىكى بىر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن بەدەن ئېلىپ يۈرىدىغان باكتېرىيەلەرنىڭ %87 ى كىشىلەرنىڭ ئايىغىدا بولىدىكەن، بۇنىڭ زور كۆپ قىسمى زىيانلىق باكتېرىيەلەر بولۇپ، ئادەمنىڭ كېسەل بولۇش ۋە كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. پۇت تەمرەتكىسى، بېرىبېرى قاتارلىق %60 تىن ئارتۇق پۇت كېسىلىنى زەمبۇرۇغلار يۇقۇملاندۇرىدىكەن، كېيىنكى يۇقۇملىنىش ۋە پۇتنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان پۇت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %98 كە يېتىدىكەن. بۇنىڭدا ھىم، شامال ئۆتۈشمەيدىغان ئاياغ كىيىم ئىشكاپى سەل قاراشقا بولمايدىغان يۇقۇم مەنبەسى ئىكەن. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاياغ كىيىم ئىشكاپىنى قەرەللىك تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ، شامال ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش كېرەك. ھەر قېتىم ئىشكاپنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈپ، ئىچىگە قويۇلىدىغان ئاياغ كىيىملەرنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، ئۇنىڭ نەملىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەنھەرىكەت ئايىغى، كاناپ ئاياغ قاتارلىق پۇتنى ئاسان تەرلىتىۋېتىدىغان ئاياغلارنى سېلىپلا ئىشكاپقا سالماي، ئۇنى ئالدى بىلەن پاكىزلاپ، قۇرۇتقاندىن كېيىن ئاندىن ئىشكاپقا سېلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، پۇراق يوقىتىش بولىقى ياساپ، ئىچىگە چاي شامىسى، قەھۋە ئۇۋۇندىلىرىنى سېلىپ، ئىشكاپنىڭ بۇرجەكلىرىگە قويۇپ قويسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ زەمبۇرۇغ ۋە غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىشتا ياخشى ئۈنۈمى بار. كامفورا شارچىسىنىڭمۇ باكتېرىيە يوقىتىش، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش، نەم تارتىپ قېلىشتىن ساقلاش رولى بولۇپ، ئىشكاپ ئىچىگە ئۇنىڭدىن بىرنەچچە تال قويۇپ قويسىمۇ بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ