قىش قانچە سوغۇق بولغانسېرى سۇنى شۇنچە كۆپ ئىچىش كېرەك

0 2011-07-28 16:35:43   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   قىش پەسلىنىڭ كىلىماتى ئىنتايىن سوغۇق، بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىمۇ نىسبىي ھالدا ئاز بولىدۇ، شۇڭا كىشىلەر سۇ ئىچىپ تۇرۇش ھاجەتسىز دەپ قارايدۇ.
      كىشىلەر قىش پەسلىدە ئىللىق ئۆي ئىچىدە تۇرىدۇ، سىرتقا چىقىپ قىلىدىغان ھەرىكىتىمۇ ئاز بولىدۇ، ئەمما بۇ ئادەم تېنىنىڭ قىش پەسلىدىكى سۇ سەرپىياتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ھەم ساغلاملىق تەربىيەسى مۇتەخەسسىسى خۇڭ جاۋگۇاڭ بىزگە مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمگەك مىقدارى ۋە بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، بىر ئادەمنىڭ كۈنىگە قوبۇل قىلىدىغان سۇ مىقدارى تەخمىنەن1600مىللىلىتىر بولىدۇ، شۇنچىلىك سۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئادەم تېنىنىڭ نورمال مېتابولىزمىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، ئادەم تېنىنىڭ نەپەسلىنىشى ئۈچۈن كۈنىگە300 مىللىلىتىر، تەر چىقىشى ئۈچۈن 700 مىللىلىتىر، تەرەت ئۈچۈن ئاز دېگەندە 100 مىللىلىتىر سۇ سەرپ بولىدۇ.
      قىش پەسلىدە قىلىمات قۇرغاق، ھاۋا نەملىكى تۆۋەن بولغاچقا، سۇنى تولۇقلاش تېخىمۇ زۆرۈر. ئەگەر ئىچىلگەن سۇ مىقدارى ئاز بولسا، قان قويۇقلىشىش دەرىجىسى يۇقىرىلاپ، ئوڭايلا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، قىش پەسلىدە سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرسە، مېتابولىزمنى تېزلىتىپ، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
      تەتقىقاتلار يەنە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئادەم تېنىدىكى سۇ %5 خوراپ كەتسە ھەم ۋاقتىدا تولۇقلانماي قالسا، تېرە قۇرغاقلىشىپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، كىشىلەر ئىشىك - دېرىزەلەرنى ھىم ئېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدىكى ئوكسىگېن ئازىيىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا كىشىلەر بېشى قايغاندەك ھېس قىلىدۇ، يۈرەك - ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا يەنە نەپەس قىيىنلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، نەتىجىدە تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.
      ئەكسىچە سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە، ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، نەپەس راۋانلىشىدۇ، تەن ساغلاملىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر قىش پەسلىدە تازا ئۇسسىغاندا سۇ ئىچىدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىشنى، جىسمانىي كۈچ سەرپىياتى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ سۇنى تېخىمۇ كۆپ ئىچىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئادەتتە يېمەك - ئىچمەكتە سۇيۇق - سەلەڭ تاماقلارنى ئاساس قىلىش كېرەك، ئەگەر مايلىق ۋە سەل تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان بولسا، 2 ئىستاكان سۇنى كۆپرەك ئىچىۋېتىش كېرەك. بۇندىن سىرت، قىش پەسلىدە ئىسسىق چاي ئىچىپ بەرسە ئەڭ پايدىلىق بولىدۇ، ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن ۋە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 2 ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر