1. سۇنىڭ رەڭگىگە قاراش: ئادەتتە مايلىق يېشىل، سارغۇچ يېشىل، قارامتۇل يېشىل، قېنىق يېشىل بولسا، سۈپىتى ياخشى سۇ ھېسابلىنىدۇ؛ رەڭگى سۇس، تۇتۇق، كۆكۈچ يېشىل بولسا، سۈپىتى ناچار سۇ ھېسابلىنىدۇ.
2. سۇ رەڭگىنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش: ئەگەر كۆلچەك سۈيى چۈشتىن بۇرۇن سۈزۈك، رەڭگى سۇس بولۇپ، چۈشتىن كېيىن دۇغلىشىپ، رەڭگى قېنىقلىسا، بۇ بېلىق بېقىشقا مۇۋاپىق سۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتە سۈپىتى ياخشى سۇ كۆلچەكلىرىنىڭ شامال ئۇرۇلىدىغان تەرىپىدە مايلىق پەردە كۆپرەك بولىدۇ ھەمدە چۈشتىن بۇرۇن رەڭگى تۇتۇق يېشىل، چۈشتىن كېيىن قېنىق يېشىل رەڭدە بولىدۇ.
3. سۇنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىگە قاراش: كۆلچەك سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئادەتتە 40-20 سانتېمېتىر ئارىلىقىدا بولسا، ئوزۇقلۇق تەركىبى ياخشى ھېسابلىنىدۇ،20سانتېمېتىردىن تۆۋەن ياكى 40سانتېمېتىر دىن يۇقىرى بولسا، ئوزۇقلۇق تەركىبى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ