ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېزگىنلەش مەركىزىدىكى بىر يىللىق غالجىر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتكەچكە بۇ ۋاكسىنىنى ئۇرغۇزماقچى بولغان شەھەرئاھالىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدېنى ئېلىش-تېزگىنلەش مەركىزىگە بېرىپ ئۇرغۇزۇشقا مەجبۇربولغان .مەركەزنىڭ خادىملىرى كۈندە دېگۈدەك بۇ ۋاكسسىنىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۇرغان 30-40غىچە تېلفوننى قوبۇل قىلغان .بۇ ئورۇن ھازىر ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىردىغان زاۋۇت بىلەن ئالاقىلىشىپ پات ئارىدا ۋاكسسىنىنى كىرگۈزۈشنىڭ ئامالىنى قىلغان.
بۇ مەركەزدىكى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشچە ،بۇ يىل يەز كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش مەركىزىدىمۇ ھەر كۈنى ئەرمەك ھايۋانلار چىشلىۋالغان 30-40كىشىگە غالجىرلىقتىن ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەنگەچكە،شەھىرىمىزدە بۇ ۋاكسىنا يەتمەي قالغان .
ھەمبەھىرلىنىڭ