چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئورناتمىغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ

0 2011-07-28 13:01:34   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ چاقماق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش چارىسى ›1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ .چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىشقا تېگىشلىك تۇرۇپ ئورناتمىغان ئورۇن ۋە شەخىسلەرگە يۇقۇرى بولغاندا 30مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ .ئىگىلىنىشچە ‹شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ چاقماق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش چارىسى ›گە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىككى خىل قىلمىشقا 5000يۈەندىن يۇقۇرى 30مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن .بىرىنچى  چاقماقتىن  مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئورناتمىغانلار ،ئىككىنچى ،ئاسان چاقماق چاقىدىغان رايونلاردىكى كان ،ساياھەت رايونى ياكى ئىشلىتىلگەن بىنا -ئىمارەتلەرگە چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئۆز-ئالدىغا ئورنىتىپ ،مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىش ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىشتىن ئۆتكۈزمىگەنلەر .
ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزگەرتىپ ،كېڭىيىپ سېلىنغان بىنا -ئىمارەتلەرنىڭ چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش  قۇرۇلمىسىنى لاھىيلەشتە ،مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئورگانلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالمايلا ،ئۆزئالدىغا ئىشلەتكەن ياكى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزمىگەنلەرگە 3000يۈەندىن يۇقۇرى 10مىڭ يۈندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر