جۇڭيىچە دورا ئىچكەندە خالىغانچە شېكەر قوشماڭ

0 2011-07-27 16:16:20   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      شېكەر بەلگىلىك دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، شېكەر ئۆپكىنى ياخشىلاپ، تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ، جىگەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، ئېغىز قۇرۇش، ئىچى تىتىلداش، ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە شىپا قىلىدۇ. جۇڭيى دوختۇرلىرى شېكەرنى بىر تۈرلۈك جۇڭيى دورىسى دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇنى خالىغانچە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، كىلىنىكىلىق داۋالاشتا شېكەرنى ئىشلىتىشكە چەكلىمە قويۇلىدۇ.
      1. شېكەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر بىماردا قورساق كۆپۈپ يەل قاپلاش، تىل گېزى قېلىنلاش قاتارلىق نەم ئىسسىقتىن بولغان ئىچكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئادەتتە شېكەر قوشۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ، بەلغەم تۇرۇپ قالغانلارمۇ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ.
      2. ئاق شېكەرنىڭ خۇسۇسىيىتى سوغۇق، قارا شېكەرنىڭ خۇسۇسىيىتى مۆتىدىل بولىدۇ. ئەگەر ئاق شېكەرنى ئىلمان جۇڭيى دورىسىغا قوشسا ياكى قارا شېكەرنى سوغۇق جۇڭيى دورىسىغا قوشسا، دورىنىڭ ئۈنۈمى ئاجىزلاپ، دورىنىڭ تولۇق قوبۇل قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ - دە، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.
      3. جۇڭيى دورىسىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، شېكەر تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، بولۇپمۇ قارا شېكەرنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىق ئېلېمېنتلار مول. جۇڭيى دورىسى تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە تاننىن قاتارلىقلار شېكەر بىلەن بىرىكىپ، خىمىيىلىك رېئاكسىيە ھاسىل قىلىدۇ. نەتىجىدە، جۇڭيى دورىسى سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئۈنۈملۈك تەركىبلەر قېتىپ، خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دورىدا دۇغ بىلەن چۆكمە ھاسىل بولۇپ، دورا ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، يەنە سالامەتلىككىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博