25-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 3:20لەردە ئۈرۈمچى شەھرى مىچۈەن -كۆكتات رايونىدىكى بىر خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ ،ئىككى ئادەم قازا قىلدى ،بىر ئادەم يىنىك يارلاندى .ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن ،كارخانىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى دەرھال يېتىپ بېرىپ ،جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى لاھىيىسىنى تۈزۈپ ،قالدۇق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلدى .نۆۋەتتە پارتىلاشنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۋېتىپتۇ .ھادىسە يۈز بەرگەندە نەق مەيدان ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى .
ھەمبەھىرلىنىڭ