ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خەلقئارا خەۋەرلەر >>
مىسىردا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ سەككىز ئامېرىكىلىق ساياھەتچى قازا قىلدى
يوللىغان ۋاقىت:2010-12-28 11:22:29  يازغۇچى:نادىل  كىلىش مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

 شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 26–دېكابىر مىسىرنىڭ جەنۇبىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، سەككىز ئامېرىكىلىق ساياھەتچى قازا قىلغان ، 21 ئادەم يارىلانغان .
    ئاپتوموبىل ۋەقەسى مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئاسۋاندا يۈز بەرگەن . مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 37 ئامېرىكىلىق ساياھەتچى ئولتۇرغان بۇ ئاپتوبۇس ئاسۋان شەھىرىدىن ئابۇ سىمبېل ( Abu Simbel) بۇتخانىسىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا ، يول بويىدا توختىتىپ قويۇلغان قۇم–شېغىل باسقان چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كەتكەن .
 
    ئىگىلىنىشچە ،قازاقىلغانلارنىڭ ئىككىسى ئەر ، ئالتىسى ئايال بولۇپ ، يارىلانغانلار ئىچىدە ئاپتوبۇس شوپۇرى بىلەن ساياھەت يېتەكچىسى بار ئىكەن . مىسىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ، قۇتقۇزغۇچىلار يارىلانغان ساياھەتچىلەرنى بىر ھەربىي دوختۇرخانىغا داۋالاشقا ئېلىپ كەتكەن .
    ئابۇ سىمبېل بۇتخانىسى (Abu Simbel Temples) مىسىردىكى داڭلىق ساياھەت ئورنى بولۇپ ، ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىدىكەن .
    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، يول ئەھۋالىنىڭ ناچار بولىشى شۇنداقلا قاتناش تەرتىپىنىڭ قالايمىقان بولۇش سەۋەبىدىن مىسىردا قاتناش ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىدىكەن  .

 

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/1228/article_10898.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
مىسىردا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ سەككىز ئامېرىكىلىق ساياھەتچى قازا قىلدى
مىسىردا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ سەككىز ئامېرىكىلىق ساياھەتچى قاز...
موسكىۋا توڭ يامغۇرلۇق ھاۋا رايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
موسكىۋا توڭ يامغۇرلۇق ھاۋا رايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ھىندىستاننىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 34 كە يەتتى
ھىندىستاننىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار...
تۆت نەپەر تۈركىيەلىك ئىنژېنېر ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىندى
تۆت نەپەر تۈركىيەلىك ئىنژېنېر ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىندى
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى قۇراللىق توقۇنۇشۇپ 2 ئادەم قازا قىلدى
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى قۇراللىق توقۇنۇشۇپ 2 ئادەم قازا ق...
جۇڭگونىڭ 10دىن ئوشۇق بېلىقچىلىق پاراخوتى كورىيە دىڭىز قىسمىغا قارشىلىق بىلدۈردى
جۇڭگونىڭ 10دىن ئوشۇق بېلىقچىلىق پاراخوتى كورىيە دىڭىز قىسمىغا قار...
كۆپ دۆلەتنىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
كۆپ دۆلەتنىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
گۇاڭشىغا ئالداپ ئەپكىتىلگەن شىنجاڭلىق بالا ساقچىلارنىڭ ياردىمىدە ئاتىسى بىلەن جەم بولدى
گۇاڭشىغا ئالداپ ئەپكىتىلگەن شىنجاڭلىق بالا ساقچىلارنىڭ ياردىمىد...
 
 
تور ئۇيۇنلىرى
رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ