ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خەلقئارا خەۋەرلەر >>
تۆت نەپەر تۈركىيەلىك ئىنژېنېر ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىندى
يوللىغان ۋاقىت:2010-12-27 11:44:55  يازغۇچى:نۇرلان  كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             


ماتېرىيال سۈرەت: ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن قالايمىقان


   شىنخۇا تورى ، كابۇل ، 26–دېكابىر تېلېگراممىسى: 26–دېكابىر ، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى پاكتىۋا ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى تۆت نەپەر تۈركىيەلىك ئىنژېنېرنىڭ شۇ كۈنى بۇ ئۆلكە چېگرىسىدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى .
   پاكتىۋا ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇللا مانگال شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا تۆت نەپەر تۈركىيەلىك ئىنژېنېرنىڭ شۇ كۈنى سەھەردە دۇندىپاتان رايونىدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ، نامەلۇم جايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى .
   مانگال مۇنداق دېدى: بۇ تۆت نەپەر ئىنژېنېر ئەسلىدە شۇ كۈنى دۇندىپاتان رايونىدا يەرلىك ساقچىلارغا گازارما قۇرۇپ بېرىشنى پىلانلىغان . نۆۋەتتە ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ئىزدەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى .
   بۇ ، ئافغانىستاندا يېقىنقى ئون كۈندىن بۇيان يۈز بەرگەن 2–قېتىملىق چەت ئەللىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى. مۇشۇ ئاينىڭ 17–كۈنى ، كورىيەنىڭ بىر يول ياساش شىركىتىگە خىزمەت قىلىدىغان يەتتە نەپەر بېنگاللىق قۇرۇلۇش ئىشچىسى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلىخ ئۆلكىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تۇتقۇن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى قويۇۋېتىلگەن .

 

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/1227/article_10885.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
تۆت نەپەر تۈركىيەلىك ئىنژېنېر ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىندى
تۆت نەپەر تۈركىيەلىك ئىنژېنېر ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىندى
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى قۇراللىق توقۇنۇشۇپ 2 ئادەم قازا قىلدى
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى قۇراللىق توقۇنۇشۇپ 2 ئادەم قازا ق...
جۇڭگونىڭ 10دىن ئوشۇق بېلىقچىلىق پاراخوتى كورىيە دىڭىز قىسمىغا قارشىلىق بىلدۈردى
جۇڭگونىڭ 10دىن ئوشۇق بېلىقچىلىق پاراخوتى كورىيە دىڭىز قىسمىغا قار...
كۆپ دۆلەتنىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
كۆپ دۆلەتنىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
گۇاڭشىغا ئالداپ ئەپكىتىلگەن شىنجاڭلىق بالا ساقچىلارنىڭ ياردىمىدە ئاتىسى بىلەن جەم بولدى
گۇاڭشىغا ئالداپ ئەپكىتىلگەن شىنجاڭلىق بالا ساقچىلارنىڭ ياردىمىد...
ئۆسمۈرلەرگە باسقۇنچىلىق قىلغان 66 ياشلىق ئەر 12 يىلدىن كېيىن قولغا چۈشتى
ئۆسمۈرلەرگە باسقۇنچىلىق قىلغان 66 ياشلىق ئەر 12 يىلدىن كېيىن قولغا ...
رۇمىنىيەلىك ئەر پارلامېنت ئىچىدە بالكوندىن سەكرىۋالدى
رۇمىنىيەلىك ئەر پارلامېنت ئىچىدە بالكوندىن سەكرىۋالدى
ئىسپانىيە روژدېستۋو لاتارىيە بېلىتىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 2.3 مىلياردقا يەتتى
ئىسپانىيە روژدېستۋو لاتارىيە بېلىتىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 2.3 مىليار...
 
 
قىزىقارلىق قىسقا فىلىملار
رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ