
25–دېكابىردىن 26–دېكابىرغىچە ياغقان توڭ يامغۇر رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكىۋانى ‹‹ مۇز شەھەر›› گە ئايلاندۇرۇپ ، شەھەر خەلقىنىڭ نورمال تۇرمۇشى ۋە قاتنىشىغا نۇرغۇنلىغان قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . بۇ ئاز ئۇچرايدىغان كىلىمات ھادىسىسى موسكىۋا شەھىرىدە 25–دېكابىر چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان . شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ، موسكىۋادا يامغۇر ياغقان بولۇپ ، يامغۇر تامچىسى يەر يۈزىگە چۈشكەندىن كېيىن تۆۋەن تېمېپراتۇرىنىڭ تەسىرىدە تېزلىكتە بىر قەۋەت مۇز قاتلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ ، يوللار نېپىز بىر قەۋەت مۇز بىلەن قاپلىنىپ ، يول ئىنتايىن تېيىلغان بولۇپ كەتكەن .


