- تىزىملاتقان
- 2012-7-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2494
- نادىر
- 0
- يازما
- 87
ئۆسۈش
  16.47%
|
بۇ مەزمۇن 39قەۋەتتىكى oyganganzimnدە2012-04-27 01:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قېرىندىشىم، سىز بۇ مەھسۇلاتنى باشقا بىرىگە ئوخشىتىۋاپسىز،ھېسيات كۆزىڭىز بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىسىز،بۇ مەھسۇلاتنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش سىناق جەريانى قومۇلدا ئېلىپ بېرىلغان،ماتىرياللارنى ئىچكىرىدىن ئەڭ ياخشىلىرىنى تالاپ مەخسۇس ئادەم چۈشۈپ قاراپ تۇرۇپ،تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ بۇيرىتىپ،ئۆلچەمگە تولۇق يەتكەندىن كېيىن ئېلىپ چىقىلىدۇ،(سىز بۇ مەھسۇلاتنى يىمەيدىغانسىز؟)سىز مەخسۇس فىلىمنى تولۇق كۆرمەيلا ئېلان رەسىمىگە قاراپ باھا بېرىپسىز،ئۈرۈمچى تېلۋېزىيە ئىستانىسى مەخسۇس فىلىمنى ئىشلىگەن،ئۇنىڭ پاتېنتىمۇ قومۇلدىكى شىركەت مەسئۇلىغا مەنسۇپ،ئۇيغۇرۇمغا مەنسۇپ،بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىزدىكى كۆرەلمەسلىك ئىدىيسىمۇ قانداق بەزى قاراشلار ئىچى تارلىقنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ،قېرىنداش قېرىنداشقا كەڭ قورساق بولۇشنى قاچانمۇ ئۆگىنەرمىز؟!ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن مەھسۇلاتلاردىن لوپا ئەينەك بىلەن قۇسۇر ئىزدەيمىز،باشقىلىرىنى بولسا كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپلا يەيمىز،بۇ خۇددى<< قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچىپ،توخۇنى يۇوڭدىماي يىگەندەك>>لا بىر ئىشقۇ؟!
بۇنىڭ باھاسىغا كەلسەك ئۇنىڭغا <<مەشئەل>> دېگەن ماركىنى كومپىيۇتېردا ئۇرۇپ قويۇش بىلەن ئۆسىدىغان ئۇنداق ئاددى ئىش يوق،سىز بەكمۇ ساددا تەپەككۈر بوشلۇقىدا ياشاۋېتىپسىز،بۇ مەھسۇلاتنىڭ بازار باھاسى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن بەك ئەرزان،<<خەيئېر >>دېگەن داڭلىق ماركىلارنىڭ تۇڭدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق،سۈينىمۇ ئىچكىلى بولمايدۇ،بازار باھاسى4800 يۈئەندىن 5800يۈئەنگىچە،بىر توننىلىق بىر تۇڭىنىڭ باھاسى 20000 يۈئەن،ئۇلارنى ھازىر سۇنىڭ پاكلىقىنى ئىلغىمايدىغان ئادەم ئىشلەتمىسە پاكىزلىقنى ئادەت قىلغانلار ھەرگىزمۇ ئىشلەتمەيدۇ.
ھەسەتخورلۇق، ئىچى تارلىق ئادەمگە يۈرەك كېسەلنى ھەمراھ قىلىش بىلەن بىرگە ئادەمنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى مەڭگۈ يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ...
مىللى كارخانىلار مۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ھېسياتىدىن پايدىلىنىپ سودا قىلىدىغان ئىشنى قىلمىغان بولسا.يوقىرىدىكى تورداشنىڭ دېگىنى ھەرگىزمۇ كۆرەلمەسلىك ئەمەس،بەلكى خەنزۇلارنىڭ ئائىلىسىگە قۇرۇۋالغان ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرىشىدىنمۇ ئۆتمىگەن زاۋۇتلىرىغا مەھسۇلاتنى بۇيرۇتۇپ ئۇيغۇرچە ماركىنى چاپلاپلا ئالدايدىغان ئىشلار كۆپ كۆرۈلگەچكە شۇنداق دېگەندۇ.
بالام يېڭى تۇغۇلغاندا ئايالىم خەنزۇلارنىڭ بولماقلىرىنى قەتئى ئىشلەتمەيمەن دەپ ئۇيغۇرچە ماركىدىكى بۇلماقلارنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى.ماركىسىنى ئەڭ ياخشىسى دېمەي.بىر كۈنى خەنزۇچە چۈشەندۈرىشىگە قارىسام گۇۋاڭدۇڭنىڭ تاينى يوقلا بىر زاۋۇتى ئىشلىگەن بۇلماقكەن.تېخى قەيەر دېمەمسىلە،ھېلىقى شاۋگۈەن شەھىرىدە.ئىمانىم قىرىق گەز ئۇچتى،شۇنىڭدىن كېيىن بولماقنى قاسقاندا دۈملەپ ئۆزىمىز پىشۇرغان.
شۇڭا يوقىرىدىكى تورداشنىڭ گېپىگە چېچىلىپ كەتمەڭ،ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ.ئەگەر مەھسۇلات دېگىنىڭىزدەك بولسا توردا ھەممەيلەن قارغىسىمۇ ھامان بازار تاپىدۇ،ئەگەر يەنە مىللى ھېسياتتىن پايدىلىنىپ سودا قىلىمەن دېسەڭلار ھەممەيلەن تەڭ گوپپاڭچىلىق قىلىپ بەرسەكمۇ ھامان بازاردىن شاللىنىدۇ. |
|