- تىزىملاتقان
- 2011-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7362
- نادىر
- 1
- يازما
- 284
ئۆسۈش
  47.24%
|
ھازىر ھەقىقەتەن تۈرلۈك شىركەتلەر ھەر-خىل شەكىلدىكى سۇ تازىلاش ئۈسكۈنلىرىنى ياساپ بازارغا سېلىۋاتىدۇ،بۇ بىر تەرەپتىن شىركەتلەرنىڭ بازار ئېچىشتىكى ئۇسۇلى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان سۇنىڭ بۇلغىنىشى بولىۋاتىدۇ،سۇ سۈپىتى ساغلاملىقنىڭ سۈپىتى،ھاياتلىقنىڭ سۈپىتىدۇر.
ھازىرقى سۇ تازلاش ئۈسكۈنلىرىنىڭ باھاسىمۇ بەك قىممەت،ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇنى تازىلاشقا بولىدۇ،قانچىلىك ئۆلچەمگە يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.مەشئەل قۇياش ئېنىرگىيىلىك سۇ ئىسىتقۇغا تۆت تۇرۇبا ئورنىتىشتىكى سەۋەپ:
1.بۇ سۇ ئىسىتقۇ ئەن-ئەنىۋى سۇ ئىسىتقۇلارغا ئىسلاھ قىلىش ئاساسىدا ياسالغان بولۇپ ،ئۇنىڭ ئىچىگە 40مېتىرلىق مىس تۇرۇبا بېكىتىلگەن،مىس تۇربىنىڭ بىر ئۇچى سۇ تۇرۇبىسىغا،يەنە بىر ئۇچى تۇرۇبا ئارقىلىق ئاشخانا ۋە تازلىق ئۆيىدىكى سۇ تەمىنلەش جۈمەكلىرىگە ئۇلىنىدۇ،بۇ ئىسسىق سۇ يەتكۈزۈلۈش ئورۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ.مىس تۇربىنىڭ سۇ تازلاش ئالاھىدىلىكى تىبابەتتە ئىسپاتلانغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە مىس تۇرۇبىدىن ئۆتىدىغان سۇ قايناقسۇ ھالەتتە ئۆتكەچكە ئادەمنى خاتىرجەم قىلغۇدەك ھالەتتە تازلىنىپ چىقىدۇ.
2.قالغان ئىككى تۇرۇبا باكقا سۇ قاچىلاش ۋە باكتىكى سۇنىڭ مىقدارىنى بەلگىلەش سەۋەبىدىن ئورنىتىلغان بولۇپ بۇ ئىككى تۇرۇبىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى بار.
شۇڭا بۇ سۇ ئىسىتقۇ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق دۆلەتلىك پاتېنت ئىدارىسى تەرپىدىن پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن .بۇنىڭدىكى تۇرۇبىلارنى كېمەيتىشكە بولماسلىقتىكى سەۋبىمۇ شۇنىڭدىن.ھازىر بازاردا ئادەتتىكى ئەن-ئەنىۋى سۇ ئىسىتقۇلارنىڭ باھاسىمۇ بۇ سۇ ئىسىتقۇدىن ئەرزان ئەمەس،ھەتتا بەزىلىرىنىڭ 8600 يۈئەندىن 13000 يۈئەنگىچە ئىكەن،ئۇلارنىڭ ئۇنچىلىك قىممەت بولىشىدا پەۋقۇلئاددە ئارتۇقچىلىقمۇ يوق،بەلكى نۇر قوبۇللاش نەيچىلىرىنىڭ ئارتۇقراق ئىكەنلىكى ۋە ئاتالمىش <<داڭلىق ماركا>>بولغانلىقىدىن ئېكەن.مەشئەل ماركىلىق سۇ ئىسىتقۇغا ئورنىتىلغان سۈپەتلىك مىس تۇرۇبىنىڭ ئېغىرلىقىلا 12كلوگىرام چىقىدۇ.مىسنىڭ ھەر كلوگىرامى ئاز دېگەندىمۇ 80 يۈئەندىن كەم ئەمەس،شۇنىڭدىنلا بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۇنچىلىك قىممەت ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئەن-ئەنىۋى قۇياش ئېنىرگىيىلىك سۇ ئىسىتقۇلاردا باكتىن باشقا ھېچقانداق ئۈسكىنە يوق،شۇڭا ئۇنىڭ تەننەرقى تۆۋەن،بىراق ئۇنىڭغا قاچىلانغان سۇ باكتا ساقلىنىپ،تۇرۇپ ئىسىيدۇ،شۇڭا باكتا نۇرغۇن چۆكمىلەر،لاتقىلار پەيدا بولۇپ قالغاچقا شۇنداقلا قۇياش نۇرىى ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەينەك نەيچىدە ئىسىغاچقا ئۇنى ئىچىشكە قەتئىي بولمايدۇ،ھەتتا تىبابەتتە بەرىس كېسەل پەيدا قىلىدۇ دېگەن ھۆكۈملەرمۇ بار.شۇنداقلا ئۇنىڭغا سۇ قاچىلاش توغرا كەلسىمۇ كېچىسى سۇ قاچىلاش كېرەك،بولمىسا ئەينەك نەيچىلەرنىڭ ئېتىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.(بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتىنى كۆككە كۆتۈرۈپ باشقا مەھسۇلاتلارنى چۆكۈرۈش ئەمەس،بەلكى تىببى،ئىلمىي نۇقتىدىن بىلدۈرۈپ قويۇش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز،توغرا چۈشەنگەيسىز)
مەشئەل ماركىلىق سۇ ئىسىتقۇغا بولسا باكقا زاپاس سۇ تولۇقلاپ قويساقلا بولىدۇ،ئۇ ھەرگىز ئىستىمال قىلىنمايدۇ،بەلكى سۇ تۇرۇبىسىدىن ماڭغان سۇنى مىس تۇرۇبىدا ئىسىتىپ سىزگە ئېقىن سۇ ھالەتتە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ،قايناقسۇ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ دېسەك بولىدۇ.
شۇڭا ئۇنىڭغا سۈزگۈچ ئورنىتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. يەنە چۈشەنمىگەن نۇقتا ۋە تەكلىپ پىكىرلەر بولسا سورىسىڭىز بولىدۇ. |
|