- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9497
- نادىر
- 1
- يازما
- 568
ئۆسۈش
  89.94%
|
izbasar375 يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 17:02 
بۇنداق ئاقما سۆزلەرگە ئىشىنىپ ئاۋارە بولماڭ ، تاس قال ...
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ بۇرادەر. بۇ ھەرگىزمۇ ئاقما سۆز ئەمەس. بۇنىڭغا شەخسەن مەن شاھىت. چۈنكى مەن تۈركىيىنىڭ كونا مەدەنىيەت مېنىستىرى نامىك كامال زەيبەك ئەپەندىنىڭ :«ئاناتولىيەگە قاچان كەلدۇق؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئوقۇغان. ئۇ ماقالىنى تۇلۇق تەرجىمە قىلىپ يوللاشقا ۋاختىم يوق. شۇڭا قىسقىچە ئېيتىپ ئۆتسەم، ئۇ كىشى شۇنداق دەپ يازىدۇ: «... .... تۈركىيىدە قوللىنىلىۋاتقان ‹ئۇيغارلىق› دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىسىمۇ ‹ئۇيغۇرلۇق› تۇر . .... « ھازىرقى زامان تارىخى » ئىنسانىيەت تارىخىنى ئەڭ كۆپ 6 – 7 مىڭ يىل كەينىگە قايتۇرۇپ سۈمەرلەر بىلەن باشلىنىدۇ . ... ئەمما تارىخنى تېخىمۇ كەينىگە سۈرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارمۇ بار . مەسىلەن ، « مۇ » ( MU)ئۇيغارلىغى ناملىق ئىلمىي ماقالىنى كۆرىدىغان بولساق ، ئۇنىڭدا ، بۈگۈن ياشىۋاتقان دۇنيامىزغا 12 مىڭ يىل بۇرۇن ھاكىم بولغان ، دۇنيانى باشقۇرغان بىرئىمپېراتۇرلۇق بار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىسمى «ئۇيغۇر ئىمپېراتۇرلىغى»دىن ئىبارەت..... دېگەن ئۇلۇق ئىلمىي ھەقىقەت ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان » ، « قوللىنا –قوللىنا ئۆگۈنۈپ قالغان ئاشۇ « ئۇيغارلىق » دېگەن سۆزگە بىر قاراپ باقايلىمۇ ؟ بۇنىڭ ئەسلىسى « ئۇيغۇرلۇق » تۇر . «ئۇيغۇرلۇق» دېگەن سۆز بىرئاز ئۆزگەرتىلىش ئارقېلىق مانا شۇنداق «ئۇيغارلىق» دېيىلىدىغان بولۇپ قالغان . ... بۇ ئۇيغۇرلار زادى كىم ؟... نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلۇق ؟ چۈنكى ، مۇندىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرى ئاسيا ۋەياۋرۇپانى ئۇيغۇرلار باشقۇرغان ۋە پۈتكۈل خەلقلەرگە «ئۇيغارلىق» نى ئېلىپ كەلگەن ئىدى .بىلىنگەن پۈتكۈل مەدەنىيەتلەرنىڭ تۇنجى مەنبىئىمۇ ئۇيغۇرلار ئىدى . ....ئاتا تۈرك نىمە دېدى ؟ خوش ، تارىخىي قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەر ئۇيغۇرلارنى نەگە باغلايدۇ ؟ جەيمز چېچۋود « مۇ ئۇيغارلىغى » دەيدۇ ۋە «مۇ قىتئەسى» قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . ئاتا تۈركمۇ يۇقېرى قابىلىيىتى ، ئالاھىدە سەزگۈ كۈچى ۋە ھەقىقىي ئىلمىي تەھلىللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسيادا ياشىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . 50 مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسيادا بىر–بىرىگە تۇتاش دېڭىزلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئىچكى دېڭىز بار ئىدى . بۇ ئىچكى دېڭىزنىڭ ئەتراپىدا كۆركەم بىر مەدەنىيەت ( ئۇيغارلىق ) بار ئىدى. بۇ ئۇيغارلىق ئامېرىكا قىتئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتكۈل دۇنيانى ئىدارە قىلدى،تەسىرلەندۈردى ۋە ئۇيغارلىقنى تارقاتتى. .... » ( نامىك كەمال زەيبەك :« ئاناتولىيەگە قاچان كەلدۇق ؟ » ) »
مانا شۇنداق.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسسىزلا باشقىلارنىڭ سۆزىنى «يوق»قا چىقىرىۋەتمەسلىگىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. |
|