- تىزىملاتقان
- 2016-2-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 785
- نادىر
- 0
- يازما
- 55
ئۆسۈش
  57%
|
ماۋزۇ مۇۋاپىق قويۇلماپتۇ. « تۈركىيەلىكلەرنىڭ مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئالاھىدىلىكلىرى»
ياكى « تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئالاھىدىلىكلىرى » دەپ قويۇلىشى
كېرەك ئىدى.
چۈنكى «تۈرك »ئاتالغۇسى كۆپ قىرلىق مەنىگە ئىگە. ئۇنى تۈركىيە دۆلىتىگە قاراتقاندا تۈركىيە تۈركلىرىنى كۆرسەتكەن بىلەن «تۈرك»«تۈركلەر» دەپ يەككە ئۇقۇم ھالىتىدا ئېلىپ ئېنىقلىغۇچىسىنى قوشمىغاندا تۈرك ئىرقىنى كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ تۈركىي تىل سېسىتمېسىدىكى خەلقلەرنى كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ ياكى قەدىمكى كۆكتۈركلەرنى كۆرسىتىۋاتامدۇ ؟ ۋە ياكى ئەڭ قەدىمكى زاماندا يەنسەي دەرياسى بويلىرىدا خاكاس قىرغىزلارغا قوشنا ياشاۋاتقان، تۈركىي تىلنىڭ ئايرىم تارمىقى قوۋمى -ئەڭ قەدىمكى
تۈركلەرنى يەنى كۆكتۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ بۇ ئېنىق بولماي قا
لىدۇ.
بۈگۈنكى تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن تۈركمەننستاندىكى تۈركمەنلەر ھەرگىزمۇ قەدىمكى كۆكتۈركلەرنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى ئەمەس. 10-ئەسىردىن كېيىن ئوغۇزلارنىڭ غەرىپكە
سۈرۈلۈپ ئاناتونىيەنى ئىگىللەپ «ئوغۇز تۈركلىرى »ئاتىلىپ 1000-يىل مابەينىدە
2- قېتىم شەكىللەنگەن « يېڭى تۈركلەر» نى كۆرسىتىدۇ. بەزى ماتىرياللاردا تۈركىيە تۈركلىرنىڭ نوپۇسى 80 ،90 مىليۇن دېيىلسە بەزى ماتىرياللاردا 60 مىليۇن دېيىللىدۇ. نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيادا تۈركىي تىل سىستېمىسىدا سۆزلەشكۈچى مىللەتلەرنى 40 تىن ،ئوممۇممىي نوپۇسى 250 مىليۇندىن كۆپ دەپ قارىللىدۇ.
يۇقۇرىقى تېما مەخسۇس تۈركىيىلىكلەرنىڭ يەنى تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئەالاھىدىلى كىنى يورۇتۇپ بېرىشكە قارىتىلغان تېما ئىكەن. «دۇنيا مىللەتلىرى » ناملىق كىتابتىمۇ
دۇنيا مىللەتلىرى تونۇشتۇرۇلغاندا « تۈركىيە تۈركلىرى » دېگەن ماۋزۇدا بۈگۈنكى
تۈركىيە تۈركلىرى تونۇشتۇرۇلغان. |
|