- تىزىملاتقان
- 2015-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6317
- نادىر
- 0
- يازما
- 687
ئۆسۈش
  26.34%
|
ئەگەر تۈركلەر ئۆزىنى ھەقىقىي ئوغۇلبالا ھېسابلىسا كۇردلارغا زۇلۇم سالماسلىقى كېرەك، چۈنكى زۇلۇم قەيەردە كۆپ بولسا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ئىسسىق جانلىرىدىن ۋاز كېچىپ شۇ يەردە قارشىلىق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ۋاستە قىلىپ ئۆزىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقتىن مۇشۇنداق ئۆچ ئالغانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ، بۇنداق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغان مىللەتكە زۇلۇم تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىمۇ كۆپىيىدۇ. زىيان كۇردلارغىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ھاكىمىيەت تۇتقانلار شۇنى بىلىشى كېرەككى زۇلۇمنى كۈچەيتىش ئارقىلىق باشقا مىللەت كىشىلىرىنى مۇقىم قىلىمەن دېيىش ئەخمىقانىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى مىللەتكە قاراپ قانۇن يۈرگۈزمەي ھەر قانداق ئادەمگە قانۇننى ئوخشاش تەدبىقلىسا زىددىيەت ئۆزلىكىدىن پەسىيىدۇ. مەن ئىزچىل كۇردلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن، چۈنكى كۇردلارنى ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىدى دەپ قارايمەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا كۇردلار ھەرگىزمۇ زوراۋانلىق قىلمىغان بولاتتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۇردلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىقمۇ كۇردلار مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلغىلى بولىدۇ، كۇردلار مۇستەقىل بولۇش بولماسلىقنى ئۆزلىرى ئاۋازغا تاشلاپ ھەل قىلسا ئىنتايىن ياخشى بولاتتى. لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلىشقا ھەرگىز ئۇنىمايدۇ. كۇردلار زۇلۇمغا ئۇچرارۋەرسە زوراۋانلىق، پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى كۆپلەپ سادىر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى بولغان ساياھەتچىلىك كەسپى غايەت زور زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر ساياھەتچىلىك كەسپى ۋەيران بولسا تۈركىيە ئىقتىسادى بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ. ئەگەر تۈركىيە، ئىران، سۇرىيە ئۆز تەۋەلىكىدىكى كۇردلارنى مۇستەقىل بولۇشقا يول قويغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى، لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەلەتىگە قارىسا ھېچقايسىسىنىڭ بۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. |
|