- تىزىملاتقان
- 2016-2-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 465
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
82.5%
|
ھازىر پۈتكۈل شىئەلەر ھۇمەينىنى ئۆزلىرىنىڭ داھىيسى دەپ بىلىشىدۇ،بۇنى ئۇلارنىڭ ھەرخىل باياناتلىرىدىن بايقىۋالغىلى بولىدۇ،ئىرانغۇ تەبىئىيلا شۇنداق قارايدۇ،ئەمما لىۋان،يەمەن ،ئىراق قاتارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى شىئەلەرمۇ ۋە «ئاللاھ پارتىيىسى»تېرورچىلىرىمۇ بايانات ۋە تەبرىك سۆزلىرىنىڭ بېشىدا ھۇمەينى،ھازىرقى خۇمانەيى قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرىنى چوقۇم زىكرى قىلىدۇ.ئەمما ھۇمەينى بولسا ئەرەپ تىلىنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەم ( ئەرەپ مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىلغاندا تەرجىمان ئىشلەتكەن)بولۇپ، كۈلكىلىك يېرى ئۇنىڭ نۇرغۇن مەخسۇس پەتىۋا كىتاپلىرى بار، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر باياناتىدا شۇنداق دەيدۇ:« ئىسلام دۇنياسى ۋە باشقىلار بىزنىڭ كۈچىمىزنى بىز مەككە ۋە مەدىنىنى ئىگەللىمىگىچە ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ،چۈنكى مەككە ۋە مەدىنە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزى.شۇڭا ئۇ يەرلەرگە ھاكىم بولۇشىمىز دىنىمىزنىڭ تەقەززاسى،مېنىڭ مەككە ۋە مەدىنىگە بىر بويسۇندۇرغۇچى سۈپىتىدە كىرگەندىن كېيىنكى قىلىدىغان تۇنجى ئىشىم بولسا پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىدە ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ يان ياتقان ئىككى بۇت بولغان ئۆمەر ۋە ئەبۇ بەكىرنىڭ جەسىتىنى كولاپ ئېلىۋېتىشتۇر؛»
ھازىرقى سۈرىيە ئۇرۇشىغا قارايدىغان بولساق،ئەسەدنى ۋە«ئاللاھ پارتىيىسى»نى ئىراننىڭ يۆلەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز ،ئۇلارنىڭ كېيىنكى نىشانى بولسا باشقا سۈننى دۆلەتلەرنى ئىگەللەش ۋە ئۇ رايونلارنى شىئەلەشتۈرۈش،ئاخىرقى نىشانى بولسا مەككە ۋە مەدىنىنى ئىگەللەشتۇر.
مەن چەتئەلدە بولغاچقا ۋە ئىنگىلىزچىدىن پايدىلىنالىغاچقا ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرىمەن،ئۇلار ھەزرىتى ئەبۇ بەكر،ئۆمەر بولۇپمۇ ھەزرىتى ئائىشە توغرىلىق ئۇ قەدەر سەت ھاقارەتلەرنى قىلىدۇكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ چاغلىغان ئادەم ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ. توردىن بىر سۈننىينىڭ شىئە بولغان چېغىدىكى «قايتىدىن كەلىمە شاھادەت كەلتۈرۈش»مۇراسىمىنى كۆرگەن ئىدىم ،ئۇلارنىڭ شاھادىتى تولىمۇ ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ ئىكەن ،يەنى ھەزرىتى ئەبۇبەكىر،ئۆمەر، ئوسمان،ئائىشە ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قىزى ھەفىسەدىن ئىبارەت بەش ئادەمنىڭ ئىسمىنى بىردىن -بىردىن ئاتايدىكەن ۋە ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيدىكەن ۋە دوزاقتا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدىكەن. ھەتتا ئىراندا ھەزرىتى ئۆمەرنى قەتلى قىلغان ئەبۇ لۇلۇ دېگەن مەجۇسىنىڭ قەبرىسى ئۇلارنىڭ داڭلىق زىيارەتگارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئىرانلىقلار ئەبۇ لۇلۇنى ھەزرىتى ئۆمەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن قەھرىمان ھېسابلايدۇ.شۇڭا شىئەلەر ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئەبۇبەكىرنىڭ قەبرىسىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىگە قوشنا ئىكەنلىكىگە چىدىيالمايدۇ ۋە ئۇنى كولاپ ئېلىۋېتىشنى ئىمانىنىڭ تەقەززاسى دەپ بىلىدۇ ۋە «جىھادىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى» مەككە ۋە مەدىنە ۋە« ئۇلۇغ غايىسى »ئۇلارنىڭ مۇبارەك جەسەتلىرىنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىپ تاشلاشتۇر.
مەن دىيارىمىزدىمۇ ئىراندا ئوقۇپ كېلىپ شئەچىلىكنى تارقىتىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. خەلقىمىزگە بۇنداق ئىدىيەلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. |
|