- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12808
- نادىر
- 0
- يازما
- 1514
ئۆسۈش
7.02%
|
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .
ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن ، مەندە مۇشۇ ئىشتا گۇمان بەك كۆپ . دوسلىرىمىزدىن بەزىلەر ئۇيغۇردا يوقتۇ دەپتۇ ، ھەقىقەتەن راست بىزدە يوق . بىراق ئۇلار ئۆزىنى مەن شىئە دىمەيدىكەن ، بىراق قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قارىساق ئادەمدە گۇمان پەيدا بولىدىكەن .
مەسىلەن : ئۆتكەن يىلقى رامازاندا بىر ئىشنى يىڭىدىن ( بىز بۇرۇن كۆرمىگەن ) خۇلۇم - خوشنىلار ئارىسىدا پەيدا قىلىپ ، تەشكىللەپ ئەسلىدە مۇشۇنداق ئىدى ، بىز بۇرۇن تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن قىلالمىغان دىسە ، بۇ يىل شۇ خىل ئىشقا يەنە بىر ئىشنى قوشۇدىكەن . مەن قارىسام يىپيېڭى ئىشلاردىن بىر نەچچىسى پەيدا بولۇپتۇ .......................
دىنى ئىلىمدا شەخسەن مەن يوقلا بىر ئادەم ، پەقەت ئۆزۈمنىڭ ھۆددىسىدىن ئاران چىقىمەن . مەن توغرا ۋە خاتانىڭ « سەھىھۇل بۇخارى » ناملىق ھەدىسلەر توپلىمىدىن چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن ، چۈنكى پېقىر تۆۋەندىكى ئىككى سەۋەپ تۈپەيلىدىن ، يەنى بىرىنجىدىن : تولا ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن سۇراپ يۈرۈشىم بىئەپ ............
ئىككىنجدىن سوراشقا تىگىشلىك بولمىغان ئادەمدىن سوراپ ، ئۆزەمنى ئۆزەم خاتاغا باشلاپ قويارمەنمۇ دەپ ، دىمەك مۇشۇ ئىككى سەۋەپ تۈپەيلىدىن ، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە قۇرئان ، ۋە سەھىھۇل بۇخارىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى كىتاپقا سائەتلەپ قاراش بىلەن ئۆزەمگە ۋە ئىشلىرىمغا ھۆكۈم قىلىمەن .
بەزىدە ئۆز كۆزۈم بىلەن شىئەلەرنىڭ ئىتىقادى ۋە تۇتقان يوللىرىنى كۆرگۈم كىلىدۇ ، تەشەببۇسلىرىنى بىلگۈم كىلدۇ .
مىنىڭچە بىز بۇنى مەزھەپ تەشۋىقاتى ياكى مەزھەپ تۇقۇنىشى دەپ تۇنۇماي . ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ مەزمۇندىكى تىمىلارنى چەتكە قاقماي ، زادى شىئەلەرنىڭ تەشەببۇسلىرىنىڭ قانداق بولۇدىغانلىقىنى بىلىۋالساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن .
شۇڭا تورداشلار سۇغۇققان بولۇپ ، مۇشۇ خىل مەزمۇندىكى تىمىلارنى غەلۋە سورۇنىغا ئايلاندۇرمىساق ، تىما يوللۇغۇچى قېرىندىشىمىزمۇ قاتتىق ئىزدىنىپ ، ئەگەر كۈچى يەتمىسە باشقا ئۇستازلارنى ھەمكارلاشتۇرۇپ ، سېستىلىق ، رەت - تەرتىۋى بىلەن شىئەلەرنىڭ تۇتقان يولى ، ۋە تەشەببۇسلىرىدىن بىزنى خەۋىرلەندۈرسە دىگەن ئۈمۈتتىمەن .
ماۋۇ تىما پەقەت شىئەلەردىن ئېھتىيات قىلىشنى تەۋىسسىيە قىلىدىكەن ، بىراق شىئەلەرنىڭ يولىنىڭ زادى قانداق يول ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتە ، مەخسەتتىن يىراق دەپ ئولۇدۇم . شۇڭا يۇقارقى ئۈمۈدىمنى دەۋاتىمەن ، دوسلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئەگەر ئارتۇق كەتكەن ياكى زۈرۈرىيىتى يوق دەپ قارىساڭلار. ئەلۋەتتە مەن كەچۈرۈم سورايمەن . |
|