- تىزىملاتقان
- 2014-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4906
- نادىر
- 0
- يازما
- 511
ئۆسۈش
96.87%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baturkarahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-28 11:58
يۇۋاشنى بوزەك قىلمىسا قىيامەتتە سورىغى بولار›› دېگەن گەپ بارغۇ. بىزدەك يۇۋاش ھەم بىچارە مىللەتنىڭ ھەممە نەرسسىنى تارتىۋالمىغان قىرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جېنى يوق. باشتا ئۆزبىك قىرىنداشلىرىمىز باشلىغان ‹‹ ئەلىشىر نەۋائىي بىزنىڭ ›› دەپ. شۇ چاغلاردا بىزنىڭ ئالىملىرىمىز بۇنىڭ بىلەن چاتىقى بولمىدى. ئەمدى قىرغىزلار‹‹ ھە بۇ سارتلارنىڭ ئەقلى شۇنچىلىككەن. بىر داڭلىق ئادىمىنى قايسى يۇرتتا تۇغۇلغىنى بىلەن چاتىقى يوق خەق بىزنىڭ دەپ يالغان دىن تارىخ ياساپ، يۈزىنى داپتەك قىلىپ ئوغۇرلىۋالسا كۆزىنى پاقىرىتىپ تۇرۋاتسا. يۈسۈپخاس ھاجىپنى قىرغىز دەپ يالغاندىن تارىخ ياساپ ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالساق يەنە ھېچنېمە قىلالمايدۇ ›› دەپ ئويلاپ مۇشۇنداق قىلىۋاتقان گەپ. قىنى بىزنىڭ دوكتۇر ، فىروفىسورلىرىمىز بۇ توغىرىدا نېمىلەرنى دەيدىكىن؟ قېنى ئازات رەھمۇتىللا سۇلتان، ئابدۇشۈكۈر بەسىرى، ئابدۇقادىر جالالىدىندەك پىشىۋالىرىمىز بۇنىڭغا قانداق يەكۈن چىقىراركىن؟ شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ‹‹ مەدەنىيەت بوستانى›› پىروگراممىسى بۇ توغىرىدا نېمىلەرنى دەركىن؟ ئالىملارنىڭ تەۋەلىكىنى قوغداش ئالدى بىلەن ئالىي بىلىم يۇرتىلىرىدا بىلىمدە، بىلىم سورۇنلىرىدا كۆزگە كۆۈرۈنگەن مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ ئىشى. ئادەتتىكى ئاۋامنىڭ پىكىرى ئىتىراپ قىلىنمايدۇ. بىلىم ساھەسەدىكى ئىشلارنى بىلىم ساھىپلىرى ھەل قىلىشى كىرەك. مۇشۇ قېتىم مۇشۇ ئىشتا بىلىم ساھىپلىرىمىز يەنە بېشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ تۇرىۋالسا، بۇندىن كىيىن ئۇنداق ئادەملەرنى ئىككى پۇلغا يارىمايدىغان ‹‹قۇرۇق گەپ ساھىپلىرى›› دەپ قارايمەن. گەرچە ئۇلار قىرغىزىستان ھۆكىمىتىگە گېپىنى ئاڭلىتالمىسىمۇ چوقۇم نارازىلىقىنى كۈچلۈك پاكىتلار ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائىتىگە بىلدۈرشى كىرەك دەپ قارايمەن. ھېچ بولمىسا بىزنىڭ ئالىم، دوكتۇرلىرىمىز لۈشۈن ئەپەندىدەك ناھاقچىلىققا نارازىيلىق بىلدۈرەلەيدىغان روھنى جارى قىلدۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە تاقىلىدىغان ئىش بولسىمۇ، مەركەزگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ‹‹ دۆلىتىمىزنىڭ بىر پارچە گۆھىرىنى مەشھۇر ئالىمىنى، قىممەتلىك بايلىقىنى ، قىرغىزلار ئوغۇرلاپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بىز دەك قۇدىرەتلىك دۆلەتكە قىلىنغان ھاقارەت، بۇنىڭغا قاراپ تۇرسا بولماس›› دەپ ئىنكاس قىلىشى . دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنى سەپەرۋەر قىلىپ، جامائەت پىكىرى توپلاپ. بۇ ئىشنىڭ يولىنى قىلىشىنى ئۈمد قىلىمىز. |
|