- تىزىملاتقان
- 2014-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2199
- نادىر
- 0
- يازما
- 166
ئۆسۈش
  6.63%
|
تارىخ ھامان ئاشكارا بولىدۇ ، بۇنىڭغا مەلۇم جەريان كېرەك . بۈيۈك ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان تارىخىي ماتېرىياللىرىنى مۇشۇ سۈرئەت بۇيىچە تەتقىق قىلىش ئۈچۈنمۇ ئاز دېگەندە يەنە 30 يىل كېتىدۇ دەپ ئاڭلىغان . نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن بىر قۇدرەتلىك دۆلەت بولغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدىن ئۆزىدىن ئىككى–ئۈچ ئەسىر بۇرۇن ۋەيران بولغان قاراخانىيلاردىكى داڭلىق شەخىس يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى توغرىلىق بىرەر يازما ماتېرىيال چىقمايمۇ قالارمۇ ؟ ھەممە ئىشنىڭ ئاشكارىلىنىشىڭ ۋاقتى–سائىتى بار . بەزى نومۇسسىز چەتئەل دۆلەت ئورۇنلىرى ۋاقتى كەلسە ھەتتا بۈيۈك ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ بىز قۇرغان دېيىشتىن يانمايدۇ . ئەمما ئاخىرىدا يۈزى تۆكىلىدىغىنى دەل شۇلار ئۆزى . بىز ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى زامان ئەۋلادلىرى مەھمۇد بۇۋىمىزدىن ، يۈسۈپ بۇۋىمىزدىن ، ئەلىشىر ... بۇۋىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز . سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلار سىلەرنىڭ روھىڭلارنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ . چۈنكى ئۇيغۇر بۇرۇن قىلالىغان ، ھازىرمۇ قىلىلايدۇ ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ . |
|