- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11310
- نادىر
- 0
- يازما
- 701
ئۆسۈش
  3.28%
|
jesur007 يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 15:36 
قوشرابنىڭ سۈنئى ھەمراھ خەرىتىسى
بۇ سۈنئى ھەمرا خەرىتىسى بىلەن سىزنىڭ قاراشلىرىڭىز ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنى مەن ھىس قىلالمىدىم.
1– قوشراپ نامى، سۈنئى ھەمرا خەرىتىسى مەيدانغا كېلىشتىن نەچچە ئەسىر بۇرۇن بار بولغان نام بولۇشى مۇمكىن، قوشراپ خەلقى قوشراپ يېزىسىغا سۈنئى ھەمرا خەرىتىسىگە قاراپ نام بەرمىگەن.
2–پارسىچە ئىزافەتلىك بىرىكمىلەر ئىسىم رولىدا كەلگەندە ئۇ پۈتۈنلەي پارسىچە سۈزلەر بىلەن تۈزۈلىدۇ، ئىنىقلىغۇچى، ئىنىقلانغۇچى مۇناسىۋىتىدە كېلىدۇ. يېرىم پارىسچە يېرىم تۈركچە سۆزلەر بىلەن ئىزافەتلىك بىرىكمە شەكىللەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پارىسچە ئاب ( سۇ مەنسىدە) كەلگەن ئىزافەتلىك بىرىكمىلەردە ئاب سۆزى ئىزافەتلىك بىرىكمىنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. ئارقىسىدا كەلمەيدۇ. مەسىلەن: ئابى زەمزەم، ( زەم زەم سۈيى)، ئابى چەشمە( بۇلاق سۈيى) ئابى قۇۋۋەت( قۇۋۋەت سۈيى)
3– ئەگەر قوشراپ يېزىسىغا خوشنا بولغان كوسراپ يېزىسىدا تاجىكلارنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقىغا قاراپ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلىشىشتىن بۇرۇن بۇ جايدا فارسى تىللىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان دەپ پەرەز قىلساق ئۇنداقتا بۇ نام پۈتۈن تاجىك تىلىدا بولۇشى كىرەككى، يېرىم ئۇيغۇرچە يېرىم تاجىكچە(فارىسچە) بولماسلىقى ئىنىق. |
|