- تىزىملاتقان
- 2015-8-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2547
- نادىر
- 0
- يازما
- 166
ئۆسۈش
  18.23%
|
مەن قوشراپتىن ئەمەس،ئۇ يەرگە 200كىلومىتىرچە يىراقلىقتا.تورداشلارنىڭ بۇ تىمىغا قارىتا ئىنكاسى ئومۇمەن ياخشى.مەن «قوشراپ»نىڭ مەنىسى توغرىسىدا شەخسى كۆز قارىشىمنى بايان قىلىپ باقسام:
ئالدى بىلەن مەن بىلىدىغان «قوشراپ»قا ئاھاڭداش يۇرت نامىلىرىنى كەلتۈرۈپ ئۆتەي:
شاخاپ يەنى شاھئاب؛«شاھ »دەل «خان»دىگەن سۆزنىڭ پارىسچەئاتىلىشى.«ئاب»سۆزىمۇ پارىسچە«سۇ»دىگەندىن سىرت
«دەريا»،«ئېرىق»،«ئېقىن»قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە.شاخاب سۆزىگە ئۇيغۇرچە مەنا ئىزدىسەك «خان ئېرىق» دىگەن ئەڭ باپ كىلىدۇ.
خەلۋاپ يەنى «خەلىفە ئاب» مۇ ئوخشاشلا «خەلىپە ئېرىقى» دىگەن مەنىنى بىرىدۇ.
«قوشراب» سۆزىمۇ (مىنىڭچە) ئۇيغۇرچە «قوشۇر» سۆزى بىلەن پارىسچە «ئاب» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ،«قوشۇلغان ئېقىن»،«قوشۇلغان دەريا» مەنىلىرىنى بىرىش مۇمكىن دەپ قارايمەن.ئەگەر مۇشۇ قارىشىم بۇيىچە يەنىمۇ ئىچكىرلىسەم بۇ سۆز چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى «قوشۇرى ئاب»دىگەن سۆز بىرىكمىسىدىن كەلگەن بولىدۇ.چۈنكى جانلىق ئۇيغۇر تىلىدا پارىسچە (ئۇيغۇر تىلىدىكى«نىڭ»غا باراۋەر كىلىدىغان) «ى»قوشۇمچىسى چۈشۈپ قالىدۇ.مەسلەن: چەشمەئى زۇلال-چەشمە زۇلال،زامانەئى ئاخىر-زامان ئاخىر،پىستەئى بادام-پىستە بادام دىگەندەكلەر.
ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىم بۇ مىنىڭ قارىشىملا خالاس،خاتا جايلار بولسا تەلىم بىرەرسىلەر،ھە راس مەن ھەرگىزمۇ پارىسپەرەس ئەمەس جۇمۇ! |
|