- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11310
- نادىر
- 0
- يازما
- 701
ئۆسۈش
  3.28%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-18 13:31
jesur007 يوللىغان ۋاقتى 2016-2-18 00:19 
مەن قوشراپتىن ئەمەس،ئۇ يەرگە 200كىلومىتىرچە يىراقلىقتا ...
سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىزغا مەن تازا قوشۇلۇپ كەتمەيمەن. چۈنكى بۇ تاغ تۇرادىكى نۇرغۇن جاي ناملىرىنڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىدا، يېرىم ئەرەبچە، يېرىم پارىسچە، يېرىم تۈركچە يەر جاي ناملىرى ئاساسەن يوق.بار بولسىمۇ كىيىنكى دەۋرگە خاس بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، تاغ ئىچكىرسىدىكى ئەگرۈم، مىڭ قارىغۇ، كاللا قايدى ،مازار داۋان، دېگەندەك يەر ناملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تاغدا ياشىغۇچى كىشىلەر باشقا تۈرك تىللىرىغا ئورتاق بولغان پىئىل ئاخرىدىكى ئا ئە تاۋۇشلىرىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىقتەك تىل ئادىتىنى تا بۈگۈنكى قەدەر ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ تاغ باغرىدا بۇرۇندىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىىنى دەلىللەيدۇ. مەسىلەن:
يېزىق تىلىدا قوشراپ تەلەپپۇزىدا
بېرىپ كەلدىم. بارىپ كەلدىم.
بۇنى ئېلىڭ. بۇنى ئالىڭ.
قېچىپ كەتتى قاچىپ كەتتى.
سۇنى بوشراق چېچىڭ سۇنى بوشراق چاچىڭ.
چېچىمنى ياساتتىم. چاچىمنى ياساتتىم.
يەكەن بازىرى ئىچىدىكلەر ، ۋە ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئالاھىدىلىك يوقالغان. چۈنكى يەكەن بازىرى ئىچى ئىلگىركى ئوردا مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر قايسى جايلاردىن بۇ يەرگە كېلىپ يەرلىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ تىل ئادىتى ئاساسىدا ئۆز–ئارا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.
|
|