- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12821
- نادىر
- 0
- يازما
- 1515
ئۆسۈش
  7.05%
|
تىما ئىگىسىگە رەھمەت ، ياخشى بىر ئىزدىنىش بولۇپتۇ ، مەن قايىل بولدۇم . چىنتۈمۈر باتۇرنىڭ ئۆزى راست ئۆتكەن شەخس ، دىمەك ئۇنىڭ چوقۇمكى قەبرىسى بار . يەنە كىلىپ مۇشۇ تىما ئىگىسىنىڭ دەلىللىشى گەرچە تۇلۇق بولمىسۇ مۇشۇ قەبرىنىڭ چىنتۈمۈر باتۇرنىڭ قەبرىسى بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ .
يۇقۇرىدىكى بىر ئىنكاس ئىگىسىدەك ، ئۇيغۇرنىڭ قەبرىسىنى موڭغۇلدىن سوراپ بىلىشنىڭ ۋە شۇنى پاكىت قىلىشنىڭ ئۆزىلا بىر كۈلكىلىك ئىش بولسا كېرەك .
ئەڭ مۇھىم بولغىنى تىما ئىگىسى تىلغا ئالغان قەبرىنى مەن 1993 - يىلى كۆرگەن ۋە ھەيران قېلىپ ، مۇشۇ قەبرە چىنتۈمۈر باتۇرنىڭ قەبرىسىمۇ دىسەم ( بۇ كىشى شۇ قەبرىستانلىقتا سۇ تۇشۇيدىغان 70 ياشلىق ئادەمكەن ) ماڭا دادام شۇنداق دىگەن بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسى يوق ، داداممۇ مۇشۇ قەبرىگە سۇ قۇيۇپ دۇئا قىلىپ قۇياتتى شۇڭا مەنمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمەن دىگەن .
مىنىڭچىمۇ بۇ قەبرىنى جىق ئادەم دۇئا قىلىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ بىراق كىملىكىنى بىلمەيدۇ بىراق ، ياشتا چوڭ ئادەملەردىن سورىسا دادام شۇنداق دىگەن دەپلا ئادەمنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇدۇ .
شۇ ۋاقىتلاردا مەن خوتەندىن قەشقەرگە يىلدا ئىككى قېتىم بېرىپ كىلىدىغان ئوقۇغۇچى ئىدىم ، ھەم مۇشۇنداق تارىخى مەسىلىلەرگە ئاز تولا قىززىققىنىم ئۈچۈن شۇ گەپنى بولسىمۇ سوراپتىكەنمەن . |
|