- تىزىملاتقان
- 2015-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 839
- نادىر
- 0
- يازما
- 65
ئۆسۈش
67.8%
|
تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپرىن، ئەمما ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىرىڭىزدا، قانداقتۇر بىر خىل ئاساسى ئاجىز بولغان پەرەز، ئاشۇ شۇمىدۇ دەيدىغان ئوخشىتىش خاھىشى خېلىلا ئېغىر، ھەم ئوخشاتقاندىمۇ قايىل قىلارلىق ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ ئوخشىتىشىغا ئۆزىڭىزمۇ ئىشەنچ قىلالمايۋاتقاندەكلا……پەقەت پارچە پۇرات ئېقىن ۋە ئوخشاش سۆزلۈكلەر ئاساسىدا ئوخشىتىلغان ھەم پەرەز قىلىنغان، دېمەك پاكىت كەمچىل،يازما مەنبە ئەسلا يوق، تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىدا پاكىت ئاساسىدىكى ئىلمىي پەرەزلەرگە يول قويۇلىدۇ، ئەمما مەلۇم جاي، ئادەمنىڭ ئوخشاپ قالىدىغانلىقى، تىلشۇناسلىققا ياتىدىغان بەزى پەرقلىق مەسىلىلەرنىڭ بولغانلىقى قاتارلىقلارغا ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىش ياكى شۇنىڭغا تىرىشىش توغرا ئەمەس،
بۇ مەسىلىگە قارىتا مىنىڭ قارىشىم مۇنداق:مەنمۇ خېلىدىن بۇيان ئويلايتتىم چىن تۆمۈر باتۇر ھەققىدە،
خەلق داستانلىرى بولۇپمۇ قەھرىمانلىق ھەققىدىكى قىسسە رىۋايەتلەرنىڭ چوقۇمكى مەنبە ئاساسى بولىدۇ، (ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەزمۇن جەھەتتىن ئۆزگىرىش ئۇ باشقا گەپ)شۇڭا چىن تۆمۈر باتۇر ئاتلىق بۇ رىۋايەتلىك شەخىسنىڭ ھايات ياشىغان ئادەم ئىكەنلىكى مىنىڭچە مۇمكىن، ئەمدى بۇنىڭ ياشىغان جايىغا كەلسەك، داستاندا ئۇچۇر بېرىلىشىچە ئۇ موڭغۇللارغا يېقىنراق بىر جايدا، يەنە كېلىپ ئوردا سارىيى مۇقىم سېلىقلىق بىر شاھزادە-ھۆكۈمرانغا يېقىن جايدا ياشىغان، يەكەن تەۋەلىكىدە تارىختىن مەلۇمكى ، موڭغۇل شاھزادىلىرى مۇقىم ئولتۇراقلاشمىغان ھەتتاكى پۈتۈن جەنۇپ تەۋەسىدە موڭغۇل ھۆكۈمران مۇقىم ئولتۇراقلاشمىغان، يۇنۇسخان ئەۋلادلىرىنى كىشىلەر موڭغۇل دەپ ئاتىمىغان، يەنە كىلىپ داستاندا دېيىلگەن قالماق ئاتالغۇسىغا قارىغاندا بۇ موڭغۇل شاھزادىسى ناھايتىمۇ نەپرەتلىك بىرى بولسا كېرەك(داستاندىن ئۇچۇر ئىزدىگەندە چوڭ دائىرىدىكى ئوخشاشلىققىلا ئېسىلىۋالماي مۇشۇنداق ئىنچىكە نۇقتىغىمۇ دىققەت قىلىڭ )ئېنىقكى يۇنۇسخان ئەۋلادلىرى ئۇنداق تەسىر قالدۇرمىغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ جايغا قەدەم باسقان موڭغۇل شاھزادىلىرى ياۋۇز بولسىمۇ ،يۇقىردا دېگەندەك ئۇنداق كاتتا ئايۋان قەسىرنى سېلىپ مۇقىم ئولتۇرمىغان، دېمەك بۇخىلدىكى موڭغۇل شاھزادىلىرى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ……
تارىخى دەۋرگە نىسبەتەن مەختۇمسۇلا، تۆمۈر دېگەن ئىسىملار ،بولۇپمۇ مەختۇمسۇلا دېگەن ئىسىم جەنۇپ تەرەپلەردە كۆپ كۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ، ئاڭلىماققىمۇ شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچىلاردىن قوبۇل قىلىنغان ئىسىمغا كۆپرەك ئوخشايدۇ……
جەنۇپ تەرەپتە ئوۋغا ئاساسەن بۈركۈت ئىشلىتىلەمدۇ ياكى قارچۇغىمۇ؟ قارچۇغا كۆپرەك، بۇ جەھەتتە شىمالدىكى كۆچمەنلەرنىڭ بۈركۈت ئىشلىتىپ ئوۋ قىلىش ئەھۋالى جەنۇپقا قارىغاندا بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ بۈركۈتى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن
مەختۇمسۇلانىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا تاشلايدۇ، سىزمۇ بىلىسىز بىزنىڭ جەنۇپنىڭ دەريالىرى ئاقسۇ ئونسۇدىن باشقا جايدا جىق ئۆركەشلەپ كەتمەيدۇ، بەلكىم يەر شەكلى سەۋەپلىك بولۇشى مۇمكىن، ئاقسۇدا موڭغۇللار تۇرغان دېيىلگەندىمۇ ئونسۇدا چىن تۆمۈر باتۇر ھەققىدە بىرە ئېغىز گەپ تۈگۈل تاۋۇشمۇ مەۋجۇت ئەمەس…… ھەم ئۇ بىرتال چاچ يەكەندەك كۆجۈم مەھەللىلىك يۇرتتا بىرە چىتنىڭ قۇڭىغا ئىلىنىپ توختاپ قالمايدىغانلىقىغا ھېچقايسىمىز ھۆددە قىلالمايمىز، بۇ چاچنىڭ توسقۇنسىز ئېقىپ ئوردىغا كىرىشى ئۈچۈن ، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئۆيى بىلەن ئوردىنىڭ ئارلىقى چاچ ئىلىنىپ قالغۇدەك دەل دەرەخ، سۆگەت سۇمبۇل بىر نەرسىلەر بولمىغان ئادەمسىز رايون بولۇشى كېرەك، مەسىلەن يايلاق دېگەندەك، مەلۇمكى يەكەندە بۇ خىل شارائىت يوق، چۈنكى تۇپراق مۇنبەت ئادەم كۆپ ، ئەزەل ئەزەلدىن شۇنداق ئاۋات بىر يۇرت……
مەختۇمسۇلا ئاكىسى بىلەن كۆرۈشكەندە كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان ئاكىسىغا قوينىدىن بىرتال ئالمىنى چىقىرىپ سۈرتىدۇ، ئىلى رايونىنىڭ ئەزەلدىن ئالما يۇرتى دەپ نامى بار(گەرچە بىزنىڭ ئاقسۇدىمۇ ئالما بولغان تەقدىردىمۇ غۇلجىدەك داڭلىق ئەمەس)دېمەك بۇ ئالمىنى دېمەك موڭغۇللارنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى ئىلى تەۋەلىكىدىن ئالغان، يەكەندە بولغان بولسا چوق بادام ياڭاق قاتارلىق مىۋىلەرنى سۈرتكەن ياكى يېگۈزگەن بولاتتى
يەتتە باشلىق يالماۋۇز ،ئېنىقكى بۇنداق مەخلۇق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل ئىسپات ئاڭلاپ باقمىدۇق، بۇ پەقەت بىر سىمۋول خاراكتېرلىك ئوبراز، ئۇنداقتا نىمىنىڭ سىمۋولى؟ ئەلۋەتتە چىن تۆمۈر باتۇر ۋە شۇ ئەتراپتىكى خەلقنىڭ قان تەرىنى شورايدىغان ياۋۇز بىر كۈچنىڭ سىمۋولى، ئۇنداقتا بۇ ياۋۇز كۈچ قايسى؟ چوقۇمكى 13-ئەسىردىن باشلاپ 19-ئەسىرنىڭ بىر مەزگىلىگىچە شىمالى شىنجاڭ رايونىنى كونترول قىلىپ تۇرغان موڭغۇللار. ھەم چىن تۆمۈر باتۇردەك بىر پالۋاننىڭ سىڭلىسىنى ئەيمىنمەي تۇتقۇن قىلغانغا قارىغاندا شۇ جايدىكى ھوقۇقدار بىرى بولسا كېرەك، بۇنداق ھوقۇقدار موڭغۇل ئاقسۆڭەك دېگەن بۇ ۋاقىتتا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالدا قۇم تۇپراق كۆپ، ئەمما جەنۇپتا ئەمەس،بۇداستاننىڭ ۋاقتىمۇ مىنىڭچە 13-ئەسىردىن ئاۋۋالقى ۋاقىتقا ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇل ئاتلىق قەبىلە ئالتاي تېغىنىڭ بۇ تەرىپىنى ئۇقمايتتى، شۇڭا كەسكىن ھالدا 13-ئەسىردىن كىيىن شۇ رايوننىڭ قېنىنى شورىغان موڭغۇل ھۆكۈمدارلىرىنى يەتتە باشلىق يالماۋۇز شۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ……
خوش؟ ئۇنداقتا بۇ چىن تۆمۈر باتۇر كىم؟ ئۆزۈمنىڭ پەرىزىنى سۆزلەپ باقاي، چارۋىچىلىق ياكى تېرىقچىلىق قىلماي نوقۇل ئوۋچىلىق بىلەن بىر ئائىلىنى قامدايدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتكىلى بەكلا ئۇزاق بولدى، ئەڭ كىيىن بولغاندىمۇ 16- ئەسىردىن كىيىن بۇ خىل ئۇسۇلدا جان باقىدىغانلار ئاساسەن يوق، گەپنىڭ قىسقىسى بۇ پەرەزلەر بويىچە بولغاندا 13-ئەسىردىن 16-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا ئۆتكەن بۇ شەخىسنىڭ قايسىدۇر بىر تورداش ئېيتقاندەك سۇلتان ئۇۋەيسخان ئىكەنلىكىگە مەنمۇ بەزىدە ئىشىنىپ قالىمەن، بۇغۇ شەخسى پىكرىم……
خاتا كەتكەن يەر بولسا ئۆز ئارا تۈزىتەرمىز ئەمىسە يەنە |
|