- تىزىملاتقان
- 2012-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4250
- نادىر
- 2
- يازما
- 178
ئۆسۈش
75%
|
abdulquddus يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 20:10
قىممەتلىك ئىنكاسىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
دەرۋەقە ئە ...
زېمبابۇۋى قاتارلىق دۆلەتلەر غەرب مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مىللىي ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە بۇرۇن غەربچە ئاتالغان يەر- جاي ناملىرىنى ھازىر ئۆزىنىڭ يەرلىك تىلىدا ئاتاۋاتىدۇ، ئۇلار شۇنداق قىلىشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن بۇ بىر پەۋقۇلائادە ئەھۋال، يەنى قىسمەنلىككە ياتىدۇ، شۇڭا بۇنى ئومومىيلىققا كۆتۈرۈش مۇۋاپىق ئەمەس.
يەر- جاي ناملىرىنى يەرلىك ئاتىلىشى بويىچە ئېلىش توغرا، لېكىن قېلىپلىشىپ بولغاننى يەرلىكچە ئالىمەن دېيىش مېنىڭچە بولسا بىمەنىلىك. مەسىلەن: بىز ۋېرگىنىيە دەپ لۇغىتىمىزگە قېلىپلىشىپ بولغان ئاتالغۇنى ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇغانلار بەزىدە سىز ئېيتقان پرىنسىپ بويىچە ۋىرجىنىيە دەپ ئېلىۋاتىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ پرىنسىپىڭىز بويىچە بولغاندا ئامېرىكا دېگەن ئاتالغۇنى ئەمەرىكا، ئەنگلىيەنى برىتىش، فرانسىيەنى فىغەنس، گېرمانىيەنى دېچلەند، گوللاندىيەنى نىدىرلەند دەپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش، سودا ۋە ساياھەت ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بەزى يەر- جايلارنىڭ يەرلىك ئاتىلىشى بىلەن بىسۋاستە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ، ئەگەر بۇلارنى سىزنىڭ پرىنسىپىڭىزغا سېلىشقا توغرا كەلسە، تىلىمىزدىكى يەر- جاي ناملىرى قالايمىقان، توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ھېچكىممۇ بىرەر يەر - جاي نامىنى توغرا يازالمايدىغان، بۇ يىل ئىملانى بۇنداق يازسا، كېلەر يىلى ئۇنداق يېزىپ، ئىملانىڭ تىكىشىمۇ توختىمايدىغان ھەم كۈلكىلىك ھەم ئېچىنىشلىك ئەھۋالغا قالىمىز.
دۇنيادىكى چوڭ مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىغا نەزەر سالسىڭىز، ھېچقايسىسى يەرلىك مىللەتنىڭ ئاھاڭىنى دەپ ئۆز لۇغىتىدىكى يەر- جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئەگەر بار دېسىڭىز، شۇ مىللەتتىن مىسال ئېلىپ بېرىڭ. لېكىن سىياسىي ئۆزگىرىش ياكى ھەقىقىي نام ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى قىسمەن ئۆزگەرتىشلەرنى مىسالغا ئالماڭ، بۇنداق ئەھۋالدا بىزمۇ تەڭ ئۆزگەرتىمىز، مەسىلەن: بۇرۇنقى زايىر دېگەن دۆلەتنى ھازىر كونگو دىمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتىغا ئۆزگەرتكەندەك.
شۇڭا بىز «ئۆردەكنى دورىغان غازنىڭ چاترىقى يىرتىلىپ كېتىپتۇ» دېگەندەك ئىشنى قىلمىساق دەيمەن. |
|