- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9497
- نادىر
- 1
- يازما
- 568
ئۆسۈش
  89.94%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-3 19:54
nayip يوللىغان ۋاقتى 2016-2-2 23:23 
سىز قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى بولامسىز؟مەن بۇرۇنلا سىزنى ...
شۇنداق ، مەن قۇددۇس ھافىز. بىز بىۋاستە كۆرىشەلمىگەن بولساقمۇ بۇ سۆيۈملۈك مۇنبىرىمىز ئارقىلىق كۆرۈشۈپ ئالالىدۇق. ئەمما مەن ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى مەھمۇد قەشقەرىسى›› دەپ ئاتىلىشتىن خىجىل بولىمەن. مەن پەقەت بىر ئىزدەنگۈچى. ئىزدىنىش داۋامىدا ئاز بولمىغان بېسىم ۋە مۇشكىلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولساممۇ ، ئۆزۈمنى مەغرۇر تۇتۇپ ، شۇ يېزىۋاتقان كىتاۋىم بىلەن ھەپىلىشىم تۇرىۋاتىمەن. چۈنكى بىر غايىۋىي كۈچ ئۇلۇق ئۇستازىمىز مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئىزى بىلەن دادىل ئىلگىرلىشىمگە ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە پارلاق نەتىجە تەقدىم قىلىشىمغا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە. مانا ھازىر بۇ كىتاپنىڭ يېزىلىۋاتقىنىغا 34 يىل بولۇپ قالدى. بۇ يىل ئىنشا ئاللا پۈتتۈرەرمەن ، دېگەن ئۈمىتتىمەن. شۇڭا تورغا كىرىش ھەتتا يازما، ئىنكاس يوللاشقا دېگەندەك ۋاقت چىقىرالمايۋاتىمەن. بۇ كۈنلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىغىمۇ ئۇزۇن ۋاقت قالمىدى....
كۆرىۋاتىمەنكى، زىيالى بولغان ھەتتا بولمىغان قېرىنداشلىرىمدىمۇ ئاجايىپ ۋىجدانىي جۈرئەت – جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرۇپتۇ...!
بۇنىڭدىن، ئىلىم ساھەمىزنىڭ بۈك باراخسان خۇشبۇي گۈللەر بىلەن تولىدىغانلىغىغانلىغىغا ئىشەنچەم تولۇپ تاشماقتا.....!
خەير، سالامەت، خۇشۋاخ بولغايسىز!
|
|