- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9497
- نادىر
- 1
- يازما
- 568
ئۆسۈش
  89.94%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-1 17:48
ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەلبەتتە يەر ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرىنىڭ يېزىلىشى توغرا يېزىلمىسا، بىر تەرەپتىن شۇ ئورۇن ۋە شۇ شەخسنىڭ نامۇ-شەرىپىگە قىلىنغان مەسخىرە، ھاقارەت تۈسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇنداق قالايمىقان ئاتىغۇچىلارنىڭ تىل-تەلەپپۇز ئىقتىدارىنىڭ نەقەدەر ئاجىز، كەمتۈك ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. بولۇپمۇ مۇنداق قالايمىقان ۋە خاتا ئاتاش ماھىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن ئاسمىلاتسىيىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، بۇ ناھايىتىمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە.
ئۇنداقتا، كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنى توغرا يېزىشنىڭ ئىلمىي پىرىنسىپى قانداق بولىشى كېرەك؟
مېنىڭ ئىزچىل تەشەببۇسۇم:
يەر ناملىرىغا نىسپەتەن ، يەرلىك ئاھالىنىڭ ئاتىشىغا ھۆرمەت قىلىش؛
ئىسىم-فامىلىگە نىسپەتەن يېزىلىشىنىڭ تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلىش.
مەن ئىشلىگەن «چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش قوللانمىسى»دا مۇشۇنداق قىلىشنى تەشەببۇس قىلدىم. ئەمما كۆپ ئەپسۇس، مېنىڭ تەشەببۇسۇم ئېتىبارغا ئېلىنمىدى... نەتىجىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىغىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئىنتايىن زەيىپلىك بىلەن تۇنىلىدىغان بۇزغۇنچۇلۇق پەيدا بولدى....!
خەيرىيەت، بولىدىغان ئىش بولدى....!
ئەمدى سىزگە بىر تەلىۋىم، ئاشۇ « تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىغا ماقالە ئىبەرتىش ئادرېسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز(؟)
|
|