بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-29 16:25
ئۇستاز ئابدۇۋەلى ئايۇپ قېرىندىشىمىزغا چىن يۈرەكتىن سېغىنىپ سالاملار بولسۇن!!!!
ئەھمىيەتلىك قەدەملىرى موبارەك ئىنتىزارىغا يەتسۇن!!!
ئالىم بىلىمخۇمار ئاكىمىز ئېيتقىنىدەك‹‹مۇپەسسىل بىلىمگە ئىگە بىر زات ئېتىقادنىڭ يۈكسەك پەللىسىدە تۇرۇپ مەندىن ئىلمى يوسۇندىكى ئاممىۋى سۆھبەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانغا قەدەر، مەن بۇ ھەقتىكى ئادددى ئەمما مەسئۇلىيەت ئىچىدىكى ئىزدىنىشلىرىمنى داۋام ئېتىمەن››مەزمۇنىدىكى تىرىشچانلىقىغا ياندىشىپ ،ئابدۇۋەلى قېرىندىشىمىزنىڭ -ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ مۇئەييەن مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ھالدىكى ئاكىتىپ زىيالىلىق مەيدانىدىكى تەشەببۇسكىرانە روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن.
ئاخىردا كۆپنى كۆرگەن بىلگەنلىرىگە سۈكۈت قىلىپ، بىلمىگەنلەرنى بىلدۈرۈشكە باشقىلارنىڭ قوزغىتىشى بولمىسا ئوت ئالالمايدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە زىيالىلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكىنى تېشىغا چىقىرىشقا تۈرۈتكە بولغان بۇز يازمىسىنىڭ غەلبىسىگە تەنتەنە قىلىمەن.
بەزىلەر بىلىدۇ لېكىن ئۇلار ھەق ئۈستىدە سۈكۈت قىلىدۇ.
بەزىلەر بىلمەيدۇ، لېكىن بىلىش ئۈچۈن ئاشكارە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ...
بىلىپ ،بىلدۈرۈشكە سۈكۈت قىلغۇچىلار ئاسىيلاردۇر.
بىلمەي بىلىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچىلەر مەخسەتكە يەتكۈچىلەردۇر. |