- تىزىملاتقان
- 2015-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1259
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
  25.9%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرەب غەيرى ئەربتىن ئەۋزەل ئەمەس ، ئاق تەنلىك قارا تەنلىكتىن ئەۋزەل ئەمەس ، كىشىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ تەقۋالقىدا، تەقۋالىق بولسا يۇرەكتە بولىدۇ .بۇ مەشھۇر سۆزنى ھەممە قىرىندىشىم بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.مەنچە ئىنكاسلار مەلۇم بىر كىشىنى سوكۇش ،مەلۇم بىر مىللەتنى تىللاش بولۇپ قالمىسىكەن. ئىنكاسلارغا قاراپ خىلى ئىلىملىك قىرىنداشلىرىمىز باركەن دەپ ھىس قىلدىم ،لىلىن بىر تەكلىۋىم قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلىملىكلىكى، بىلىملىكلىكى ھەرگىز ئىنكاس بىلەنلە چەكلىنىپ قالمىغاي ، ئابدۇۋەلى ئاكام كىتاب يازمىغان بىلەن ،مەنچە ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىيىتى كۆپ كۇچ چىقىرىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى ، توردا بىكارغا يىزىلغان ماقالىنىڭ قىممىتىنى نەشىرياتتا ئىلان قىلغان ھەقلىك كىتابقا تەڭ قىلماسلىق مەنچە ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئابدۇۋەلى ئاكامنى «نوپوزسىز» يازغۇچى دەپ ئويلاپ قالغان قىرىنداشلارمۇ ئۇنداق پەلىپەتىش خىياللاردا بولمىساڭلار ، مۇشۇ مۇنبەردىكىمۇ ئۇيغۇر خەلقى ،بىزمۇ نوپوز بىرەلەيمىز ، كىمنىڭ ئاق ، كىمنىڭ قارىلىقىغا باھا بىرەلەيمىز ، نوپوزنىڭ نەشىريات تەرىپىدىن مەمە ،خەلىق تەرىپىدىن بىرىلىدىغانلىقىىغا ئىشىنىمەن. ئىلىملىك قىرىنداشلارنىڭ يازغىنى ئىنكاس بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقىنى ئۇمۇد قىلىمەن ، مۇنۇ شىئىر كاللامغا كەلدى
ئۆلۇپ كەتكەندە ئەسلەشتۇق ،ئۇلۇغلار چىقتى بىزدىن دەپ ،
ھايات چاغدا ئۇلۇغلارنى غاجاشتۇق چىقتى ئىزدىن دەپ.
ئاماننىسا زاتى پەس ، سادىر خاڭرۇقنى كىم ئىيتقان ،
دېگەن بىز ئۇ تالاقلانسا بۇ تۇتقۇن بولسا تىزدىن دەپ .
ھالا بۈگۈن ئۇنى گۇمبەز بۇنى مۇنبەرگە مىندۇردۇق ،
ھالال ئەجرى بىلەن بىزگە شەرەپ بەرگەن ئىگىزدىن دەپ .
غاجاشمايلى ئۇلۇغلارنى ھايات چاغدا دېمەس بولسۇن ،
يۇرەككە يەتتى تىغ زەخمەت ئۆزۇم سوققان بىگىزدىن دەپ.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم |
|