- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8513
- نادىر
- 0
- يازما
- 784
ئۆسۈش
  70.26%
|
كەبىنى ئاللاھنىڭ ئۆيى دېيىش تازا توغرا ئەمەسمىكى دەيمەن.چۈنكى ئۇ ھەرقانچە مۇقەددەس بولسىمۇ بەرىبىر ئادەم زاتى بىنا قىلغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىنا قىلغىنىغا ئاران نەچچە مىڭ يىللا بولدى.ھالبۇكى ئاللاھ بولسا ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ زاد.ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئۆي سېلىپ بېرىشىگە مۇھتاج ئەمەس.
بۇ يەردە چىڭگىزخاننىڭ بۇخاراغا كىرگەن چاغدا قىلغان بىر ئېغىز سۆزىنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى.
60ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان چىڭگىزخان ئەينى زاماندىكى ئىسلامنىڭ مۇقەددەس شەھرى بولغان بۇخارانى بويسۇندۇرۇپ،ئۆمرىدە شەھەر ئېتى بار زېمىنغا تۇنجى قەدەم باسىدۇ.ئۇ شەھەرگە كىرىپلا ئۆزىنى ئەڭ كاتتا ئىمارەت ئالدىغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بۇخارادىكى ئەڭ كاتتا مەسچىد ئالدىغا ئېلىپ بارغان.چىڭگىزخان مەسچىدنىڭ ھەشەمەتلىك ھەم نەپىس ياسالغانلىقىنى كۆرۈپ چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئوقۇغان ھەمدە «يەنە بۇنىڭدىنمۇ كاتتا ئىمارەت بارمۇ؟» دەپ سورىغان.بۇخارا ئۆلىمالىرى دەرھال،«بۇ ئاللاھنىڭ ئۆيى،ئاللاھنىڭ ئۆيىدىنمۇ كاتتا ئىمارەت يوق،ھەتتا پادىشاھىمىزنىڭ ئوردىسىمۇ ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ»دەپ جاۋاب بەرگەن.ئۆلىمالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان چىڭگىزخان يېنىدىكى ھەمشەرىلىرىگە ئاستا قىلىپ«بۇلارنىڭ ئاللاھى ئىنسان ياسىغان ئۆيدە تۇرىدىكەن،بىزنىڭ كۆك تەڭرىمىز بولسا ئىنساننىڭ ئۆي سېلىپ بېرىشىگە مۇھتاج ئەمەس،پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەممە يېرى ئۇنىڭ ماكانى»دەپ قايرىلىپ كەتكەن. |
|