- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12855
- نادىر
- 0
- يازما
- 1240
ئۆسۈش
7.14%
|
ئاپتۇرغا بىر تەرەپتىن مىننەتتارلىق بىلدۈرگۈم كەلدى يەنە بىت تەرەپتىن يەنىلا مەسىلىنى ئەكىس ئەتتۇرۇشتە بىرتەرەپلىمىك قىلغانلىقىغا سۆز ئىچىش -ئاچماسلىقىغا ئىككىلىنىپ قالدىم .
1.ئۇيغۇرلاردىكى ئۆزىدىن پەخىرلىنىش ۋە نۇمۇس ھىس قىلىش نوقتىسى نۇرغۇنلىغان ۋاقىتتا ھەددىدىن زىيادە ھىسياتقا بىرىلىپ كىتىدۇ .
ئۈندىدارلار سالونچىلار ...ئىسىت ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىڭ نامىدىكى ئەسەر ۋە ۋىدىئولار بىزلەرنىڭ ئەڭ قىزغىن نوقتا بولۇپ قالدى .بۇنى بىز پۇتۇن بىر مىللەت پائالىيىتى ھەققىدە تەنقىدلىدۇق ،ئىنكار قىلدۇق .تىللىدۇق .ئەمدى مىللىتىمىزدىكى دائىملىق ھەم ئازساندىكى كىشىلەر قىلىقىنى مىللەتكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللىي بەردۇق .
2.ئۇيغۇرلۇقتىن بىزارلىقنى ھەددىدىن زىيادە كۆتۈرۈپ سۆزلەش بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى مىللەتنى سۆيمەسلىكنى جاۋابكارى ياكى چۈشكۈنلىك مەنبەسى قىلدۇق .بۇ ھەقىقەتمۇ ؟مىنىڭچە بۇ چىكىدىن ئاشقان نادان باھانە .ئادەم تۇغۇلۇپ جىنسىنى تاللىيالمايدۇ .بىراق ،ئۇنىڭدىن كىيىن مىللەت ئىسىم ،ۋە بارلىق قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى تاللىيالايدۇ .بىز تارىخىمىزدا مىللەتچىلىك قىلغاندا جوھۇت ،كاپىر دەپ قىرىپ ،جاھالەتكە ،مىللەت نامى ئۇنتۇلدۇرغانلارغا دۇئا تىلاۋەت مەھچىت ،تاۋاپخانا ،باغ سالدۇرۇپ ،پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى كۆردۈق .بىزدىكى مىللەتنى تونۇش بىلەن پەخىرلىنىش ئىنتايىن كۈلكىلىك ئىنىقلىمىلارغا ئىگە بولۇپ كەتتى .
3.بىزدە ئايرىم ساھەلەردا زىيادە پەخىرلىنىش ،ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش بەك ئىغىر .مەسىلەن :پۇتبول ،IT،ئاسلىماتسىيەلىشىش قاتارلىقلاردا بىزدە ئىنتايىن يۇقىرى پەخىرىلىنىش تۇيغۇسى بار .
پۇتبول -ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي بەدەن قۇرۇلمىسى .ئىرادىسى پۇتبۇل ئويناشقا ماس كەلسىمۇ لىكىن بىزدە ئىرادىنى ئۇزاققا داۋاملاشتۇرۇدىغان ‹ئىزچىللىق›كەمچىل .بۇنى بىز سىياسەتكە ،خەنلەرگە ئارتىپ قويىمىز .بىرقانچا قىتىملىق غەلبىلىق مۇسابىقىدىن ئۆزىنى ئۇقماي كۆككە كۈتۈرۈپ ،مەغلۇپ بولسا سۆكۈپ ساق يىرىنى قويمايمىز .
IT-ئۇيغۇر يىزىقىنى بىمالال كىرگۈزۈشنىڭ ئەمەلگە ئىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى كۆپىنچە ئوڭدىن يىزىلىدىغان يىزىقلارنى مەسىلىنى ھەل قىلدى دەپ بەخىرلەندۇق ئەمما زادى قانچىلىق ئۈنۈم ياراتتۇق ؟ITتەرجىمە يۇمتال ئاساس بولۇپ قالدى .ئىجاتچان يۇمتال يوق دىيەرلىك .ئۇيغۇرسوفىتنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئىجاتچان يۇمتال ئىشلەنگەن بولسىمۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قانچىلىك سىڭىپ كىردىن .ئۇيغۇر ئىجدىمائى ئالاقە يۇمتاللىرى بەسلىشىپ بارلىققا كەلدى كىيىنچە قايسى ئۇلاشتى ،قايسىسى بىزنىڭ ئالاقە ۋاستمىز بولدى .بۇ ITئۇيغۇر تىخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ بەلكى ياساشنى بىلىپ ،ماڭدۇرۇشنى ئۇقمايدىغان دەسلەپكى 入门级ھالەتتە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ .
ئاسلىمىناتسىيە-بىز ئىسلام ئىتىقادلىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن مانجۇلاردەك ....دەپ بەك پەخىرىلىنىمىز .بۇنى ئاللاقانداق ئىتىقادنىڭ قۇترىتىدىن كۆرىمىز.ئەھۋال شۇنداقمۇ ؟قىنى خوش ،مۇسۇلمانلار مۇسۇلمانغا نىكاھلىنىش پەرھىز قىلىنغان ،ئۇنداقتا ئۇيغۇرلاردا مۇسۇلمان بولغان يات مىللەت بىلەن نىكاھلىنىش قانچىلىق نىسبەتتە ؟تارىختىن مىسالغا ئالساق ،ئۇيغۇرلار ياتلاردىن قىز ئالسا ئالىدۇ ،ياتلارغا قىز بەرمىگەن .شۇڭا ،بۇنى ئىتىقاد مەدھىيە ئوقۇشنىڭ ئاساسى قىلىش كۈلكىلىك .
ئومۇمەن ،ئۇيغۇر ئىجدىمائى تۇرمۇشى تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ،ئىچىۋىتىلىدۇ ،مەدىنىيەتلەر ئۆز-ئارا سىڭىشىپ ،بىرقىسىم ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئەخلاق ۋە دىنىي قاراشقا ئۇيغۇن بولمىغان ھادىسىلەر كىلىپ چىقىدۇ .بىز بۇ مەسىلىنى قىلىشقا ئازلىق قىلىمىز ،شۇڭا ،بۇنداق مەسىلىلەر بىلەن زىيادە ئىسىلىپ ،قويۇپ بەرمەي قارشىلىش كەيپىياتى ھاسىل قىلىۋالماسلىقىمىز كىرەك .ئىجدىمائى ئالاقە قۇراللىرىنىڭ ئەركىنلىشىشى تۇرمۇش رىتىمى ۋە تۇرمۇش بىسىمىنى ھەربىر كىشىلەرنى بىز ئويلاپ باقمىغان ئۆزىنى بوشاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تارقىتىدىغان قۇرالغا ئايلاندۇردى .بىز بۇنى بىر مىللەتنىڭ ئومۇمى يۆنىلىشىگە ئايلاندۇرۇپ تەنقىدلەۋەرسەك ئۈنۈم ئەمەس بەلكى جەمىئەتنى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىپ قويىمىز .
بىز مىللەتنى ئاللاقانداق يىتەكلەشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئىجدىمائى تۇرمۇشىنى يىتەكلىشىمىز كىرەك .چۈنكى مىللەتنى يىتەكلەش ھامىنى شۇ مىللەت ئىجدىمائى تۇرمۇش تەسىرىگە ئۇچرايدۇ .دىيارىمىز كۆپ مىللەتلىك ،ئۇيغۇرلار ئاساسىي نوپۇس ھالەتتە بولسىمۇ لىكىن ،بىزنىڭ ئىجدىمائى تۇرمۇش تۈزۈلمىمىز جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگەن خەن مەدىنىيىتى ئاساسىي ئىقىم قىلىنغان ئىجدىمائىي مۇھىت،شۇڭا بىز زىيادە مىللەت ئىچىدىكى ئەشۇ ئىشلارنى تەنقىدلەش ئىلىپ بارسىڭىز بەلكى دىيارىمىز ئىجدىمائىي مۇھىتىدا ئەكسىيەتچىل شامال پەيدا قىلىپ باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىشى ھەم سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇپ قويىشىمىز مۇمكىن .
ئىجدىمائى تۇرمۇشتىدىكى بىزگە ناباب ئىشلارنىڭ مىللەتچىلىك ياكى ئىتىقادچىلىق بىلەن ئەمەس ئىجدىمائى تۇرمۇش ئۆزى بىرتەرەپ قىلسۇن .مىللىتىمىز قىممەت قارىشىدىكى ئىشنى ئىتىقاد ئارقىلىق باشقۇرۇش ياكى يىتەكلەش ئىلىپ بارمىسۇن .ئىتىقاد ئۆزىنىڭ ئەلالىقىنى ،ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى كىرەك .مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاپتۇر دىگەندەك ئىشلاردىن يوقىلىدىغىنى يوقىلىدۇ ،كىشىلەر دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغانلىرى نەزەردىن ساقىت بولۇپ كىتىدۇ .شۇڭا ھەممە ئىشنى زىيادە كۈتۈرۈشتىن ھەم بەك كەڭ قول بولۇپ كەتمەسلىك كىرەك .لوگىكىلىك تەپەككۈر ئارقىلىق قايسى تۈردىكى ئىش بولسا شۇ تۈر ئارقىلىق ھەل قىلىش كىرەك . |
|