- تىزىملاتقان
- 2014-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6289
- نادىر
- 0
- يازما
- 658
ئۆسۈش
  25.78%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baturkarahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-26 00:30
فرانسىيە پىرىزدىنتى دىگول:‹‹ فرانسۇزلارنى بىر پۈتۈن مىللەت نۇقتىسىدىن ياخىش كۆرىمەن ھەتتا جېنىمنى پىدا قىلىشتىنمۇ يانمايمەن، بىراق شەخىس نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ھەر بىر فرانسۇزنى چايناپ پۈركىۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدۇ›› دېگەنكەن.دېمەك مىللەتنى شەخسىي نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئومومىي مىللەت گەۋدە نۇقتىسىدىن سۆيسە بولىدىغان ئوخشايدۇ. بىزمۇ ئۇيغۇرلار ئومۇمىي مىللەت نۇقتىسىدىن باھا بەرسەك ئەقىللىق، مىھمان دوست، ئەمگەكچان، كەڭ قورساق، ئەخلاقى-پەزىلەتلىك، ئىمان-ئىتىقادلىق، چىقىشقاق، مىھرىبان، سەنئەتخۇمار،مەرد،ھايالىق.. دېگەندەك ئىسىل سۈپەتلەر بىلەن مەدىھلەيمىز. بۇ بىزنىڭ ئومۇمىي مىللىي گەۋدىمىزگە ماس كېلىدۇ. بۇنداق ئاتالغۇلاردىن سۆيىنىمىز. مىللىتمىز خەلقىنىڭ ھەر بىر شەخسىي نۇقتىسىدىن كۈزەتسەك بىر مۇنچە ئىللەتلەر كۆڭلىمىزنى غەش قىلىدۇ. دۇنيادا سەۋەنلىكى يوق مىللەت بولمايدۇ.مىللەتنى تەربىيىلىسە سەۋەنلىكلەر تۈگەيدۇ. ھازىر ھۆكىمەت ‹‹تەربىيەلەۋاتىدۇ››، زىيالىيلار تەربىيەلەۋاتىدۇ.تۈرلۈك تاراتقۇلار، كىتاب-ماتىرياللار تەربىيەلەۋاتىدۇ. بۇرۇنقىدىن خېلى ياخىشلىنىش بولاۋاتىدۇ. خەلقىمىز ماددىي جەھەتتىن تويۇنسىلا مەنىۋىي جەھەتتىن تويۇناتتى. مۇھىمى ماددىي جەھەتتىكى مۇھتاجلىق نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنى غۇرۇر ۋە ئىززەت-ئابرويىدىن ئايرىماقتا. |
|