- تىزىملاتقان
- 2015-8-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2547
- نادىر
- 0
- يازما
- 166
ئۆسۈش
  18.23%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jesur007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-22 23:20
ئادەمنىڭ يېرىمى ھايۋانىلىققا،يېرىمى پەرىشتلەرنىڭ خۇسۇسىيتىگە ئىگە دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان،مىلەت شەخستىن تەركىب تاپقاندىكىن ئۇنىڭمۇ نوقسانى بولىدۇ،ئەلۋەتتە.كىشىنىڭ شەخسىيتىنى مىللەت بىلەن باغلىۋېلىش،مەنچە ئاقىللىق ئەمەس.مىللىتىمىزنىڭ ئەيبى دىيىش كەلسە،تىرىشماسلىق،يالغانچىلىق دىگەندەك تەرەپلەربولۇشى،ھەرگىزمۇ ھەسەتخور،بىساپا،تەلۋە دىگەندەك شەخسى تەرەپلەر ئەمەس.ساپالىق مىللەت بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس،ياپۇنلارنىڭ كۈچلۈك مىللىي خارەكتىرىنى ئۇلارنىڭ جۇغراپىيلىك مۇھىتى،گىرمانلارنىڭ غورۇرلۇق بولۇشىنى قۇللۇق جەمىئەتنى باشتىن كەچۈرمەسلىكى،خەنزۇلار ۋە ھىندىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە سەۋىرچان بولىشىنى ئۇلارنىڭ ئىلگىركى تۈزۈملىرىدىكى مۇرەككەپلىك ۋە سىرتقى مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى شەكىللەندۈرگەن بولىشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك مىللەت بولىشىنى مىنىڭچە مىللىي تەركىۋىمىزگە سىڭىشكەن قەۋملەرنىڭ پەرقلىق بولىشى،مەلۇم بىر خىل مەدىنيەتنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرمىغانلىقى،شۇ سەۋەبلەردىن كىلىپ چىققان تۆۋەن زىچلىقتىكى پىسخىكا ئورتاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئويلۇنۇپ كۆرسەك بولارمىكىن. |
|