- تىزىملاتقان
- 2012-8-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6218
- نادىر
- 0
- يازما
- 354
ئۆسۈش
  24.36%
|
مەن بۇ يوللانمام ئارقىلىق ئىككى سەنئەتكارنى سېلىشتۇرۇش مەقسىتىم بولمىسىمۇ، بىراق ھەر ئىككىسى ئورۇنلىغان مەزكۇر ناخشىنىڭ نۇسخىلىرىنى بىر قانچە قېتىمدىن ئاڭلاپ چىقتىم. ھەمدە خۇلاسەم شۇ بولدىكى، بىز ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىنى تۈزۈك تونۇماي كەپتىمىز...
ئەتراپىمىزغا قارىساق بىزدە ناخشىچىلار ساماندەك، ئەمما يىپەك يولى ساداسى باشلانغاندىن بېرى ئەشۇ ساماندەك ناخشىچىلار ئارىسىدىن ھەقىقى سەنئەتكارلارنى پەرقلەندۈرۈش، ناخشا دىگەنگە قانداق باھا بېرىش جەھەتلەردە تاماشىبىنلارنىڭمۇ سەۋىيىسى ھەقىقەتەن نەچچە بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە بىر مىللەتتە پەقەت ناخشا-مۇزىكىلا بىر يوغان تېما بوپ كېتىشنىڭ ئۆزى ھەم دىگەندەك توغرا چىقىش يولى ئەمەس، ئەمما ناخشا، سەنئەتسىز بىر مىللەت پۈتۈنلۈكىگە نۇقسان كېلەر. بۇ يەردىكى ناخشىچى ۋە سەنئەتكارلار ئۆزى ئېيتقان ناخشا، ئورۇنلاۋاتقان سەنئىتىنى پۇل، مەنپەئەت، يۈز- ئابرويدىنمۇ قىزغىن سۆيەلىگەندىلا ئاندىن مىللەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىل بولالايدۇ دەپ قارايمەن. بولمىسا ئۇ بىر تۈرلۈك ئىسراپچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس...
ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكا پەقەت دۇتار بىلەنلا بۇ ناخشىنى شۇقەدەر ۋايىغا يەتكۈزۈپتۇ. سەنئەتكارنىڭ ھاياتىغا بەرىكەت، ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن!
شۇنداقلا كۆڭلۈمگە كەلگەن بىر ئارزۇيۇمنى كۆپچىلىككە دەپ ئۆتسەم، ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىمۇ يىپەك يولى ساداسى ۋە ياكى شۇ تىپتىكى پروگراممىلار ئارقىلىق ۋۇجۇدىدىكى بۇ سەنئەتنى، خەلق، يۇرت سۆيەرلىككە يۇغۇرۇلغان سەنئەت ئىجادىيەتلىرىنى شاگىرت يولى ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە قالدۇرسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمەن.
تۆۋەندە مەزكۇر ناخشىنىڭ ئىككى سەنئەتكار تەرىپىدىن ئورۇنلانغان نۇسخىلىرىدىن بەھر ئالغايسىلەر:
ئۇچراشقاندا
تۇرك سەنئەتكارى
ئۇچراشقاندا
ئابدۇرېھىم ھېيت
پىكىرلىرىمدە ئېغىش كۆرۈلگەن بولسا ئۆزۈر، ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەيسىلەر
|
|