- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4458
- نادىر
- 4
- يازما
- 254
ئۆسۈش
  81.93%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mustafaoguz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-27 02:31
ئابدۇرىھىم ھېيىت ئۇستازنىڭ بۇ ناخشىسى youtube تا چىكىلىش قىتىم سانى نەچچە مىليۇندىن ئاشتى.بەزى تۈركىيە تور بىكەتلىرىدە رىكورت يارىتىش ئالدىدا دەپ تىلغا ئىلىندى. بولۇپمۇ تۈركىيەدە بەك تونۇلۇپ كەتتى. خىلى ساندىكى تۈركلەر ئىنكاسلىرىدا « ئۇستاز» دەپ ئاتايدۇ. مەن بۇرۇن شىركىتىدە ئىشلىگەن تۈرك ئاكىمىز شۇنداق دىگەن: « مەن ئادەتتە تۈرك ناخشىلىرىنى بەك ئاڭلاپ كەتمەيمەن. بىراق باشقىلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ مەن مۇشۇنداقمۇ ناخشا بولىدىكەن،-ھە دەپ قالدىم. ئىشەنكى، بىر ھەپتە ئىشىمدىن يىنىپ توختىماستىن ئاڭلىدىم. بۇنىڭدىكى ناخشا مەزمۇنى بىلەن ناخشا مۇزىكىسى ھەم ئۇ ئۇستازنىڭ ئاۋازى ھەم ھىسياتى نە قەدەر گۈزەل ماسلاشتۇرۇلغان. تۈركلەرنىڭ بۇ ناخشىغا ئۇنچىۋالا ئۆزلىرىنى ئۇرۇپ كىتىشى بىكار ئەمەس ئىكەن دەپ قالدىم. » دىگەن ئىدى.
تۈرك ناخشىچىنىڭ ئىيتقىنىغا كەلسەك، كۆپچىلىك تۈرك ئۇنىڭ ئىيتقىنىنى ياقتۇرمىدى. ئۇنىڭغا ياخشى ئىنكاس بەرمىدى. ھەتتا بەزىلىرى ئۇنى « بىر ئوبدان ناخشىنى بۇزۇپ، ئۇستازدىكى ھىسياتنى سەندەك سويمىلار چىقىرالمايدۇ، بۇنداق گۈزەل ناخشىنى سەت ئاغزىڭغا ئالما !» دەپ ھاقارەت كەلتۈردى. youtube تا گەرچە ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ھەم باشقا داڭلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ناخشىلىرى بولسىمۇ تۈرك ئۇلارنى تونىمايدۇ. ئەمما ئابدۇرىھىم ھىيىت ئاكىمىزنى بەك تونۇيدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا، ئابدۇرىھىم ھىيىت ئاكىمىز ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە تونۇلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. |
|