- تىزىملاتقان
- 2013-2-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4807
- نادىر
- 0
- يازما
- 124
ئۆسۈش
  93.57%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pelek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-1 02:00
زىلبا يوللىغان ۋاقتى 2015-11-27 01:09 
ۋاقىت چىقىرىپ يازغانغا چۈشلۇق ئازراق ئىزدىنىپ مۇشۇ ...
ئابدۇرىھىم ھىيىت 1962-يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلدە تۇغۇلغان.بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ دۇتتار،راۋاپ چېلىشقا قىزىقىپ 13يېشىدا،مەھەللىسىدە << بالا سازەندە >> دەپ نام ئالغان .مەھەللە ئەھلى ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ قالغان ھەمدە ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ،قەشقەرشەھىرىدىكى ساماۋەرخانىلاردا،چوڭ-كىچىك مەشرەپ سورۇنلىرىدا،ھەتتا توي -تۆكۈنلەردە دۇتتار چالغۇزۇپ،ئۇنىڭغا قۇيۇق سەنئەت مۇھىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىش پۇرسىتى يارتىپ بەرگەن.شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ سەبى قەلبىدە ،مىللى سەنئەتكە نىسبەتەن كۈچلۈك مۇھەببەت ئويغانغان .ئابدۇرىھىم ھىيىت1977-يىلى 1979-يىلغىچە،قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇلۇقسىز سىنپىنى تاماملاپ ،نەزەرباغ يېزىسىغا قايتا تەربىيگە چۈشكەن. مۇشۇ مەزگىلدە،قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قىسىم زىيالىلار،ئۇقۇتقۇچىلار،ھۈنەرۋەن -كاسىپلار ئۇنىڭ دۇتارىنى ئاڭلاش ئۈچۈن نەزەرباغقا چىقىپ تۇرغان . ئۇنىڭ دۇتتار چېلىشتىكى ماھارىتىگە،خەلىق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشتىكى تالانتىغا قايىل بولغان قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپى رەھبەرلىرى ،ئۇنى مەكتەپنىڭ ناخشا كەسپىگە قۇبۇل قىلغان . 1982-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغاندا،جۇڭگو مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىر نەپەر راۋاپچى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن . ئابدۇرىھىم ھىيىت ئىمتاھاندىن مۇۋەپپىقيەتلىك ئۆتۈپ،مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىغا قۇبۇل قىلىنغان . 1988-يىلدىن باشلاپ مۇزىكا ئىجادىيىتى يولىغا قەدەم قويغان .
ئىزدەش تورىدىن ئېلىندى .
|
|