- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 30112
- نادىر
- 18
- يازما
- 897
ئۆسۈش
  50.28%
|
ئويلاپ باقسام مۇشۇ كەمگۈچە ، مۇشۇ ھاياتىمدا ئوقۇش تارىخى ئۆزۈمدىن يۇقۇرى بىرەر ئەمەلدارنىڭ قولىدا ئىشلەپ بېقىش ماڭا نېسىپ بولماپتۇ.بېشىغا چىغ قالپىقىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ، كۆچەتزارلىقتا كۆچەت ئوتايدىغان قارا ئىشچىلىقتىن كېلىپ چىققان، ئۆزى خەنزۇ بولغاچقا خەنزۇچە گەپ قىلالايدىغان ئەمما، ئانچە كۆپ خەنزۇچە خەت بىلمەيدىغان بىر باشلىقىمنى ئۇزىتىپ تۇرسام تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىدا كۆزەتچىلىك قىلغان ، خەنزۇچە ئەمەس ئانا تىلى -ئۇيغۇر تىلىدا بىرەر پارچە ئىلتىماس يازالمايدىغان بىر پايلاقچى ئۇيغۇرنى باشلىق قىلغۇدەك ، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ياقامنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
ئاڭلىسام ، ھېلىقى بېشىغا چىغ قالپىقىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ، كۆچەتزارلىقتا كۆچەت ئوتايدىغان قارا ئىشچىلىقتىن كېلىپ چىققان، ئۆزى خەنزۇ بولغاچقا خەنزۇچە گەپ قىلالايدىغان ئەمما، ئانچە كۆپ خەنزۇچە خەت بىلمەيدىغان ھېلىقى خەنزۇ باشلىقنىڭ قارا قورساق ئاكىسى سۇڭ خاقانىنىغا قاراقۇرساق گاۋچىيۇ ياراپ قالغاندەك ۋاڭ ئاكىسىغا ياراپ قالغاچقا دەرىجىمۇ دەرىجە ئۆسىۋەرگەن.شۇنىڭ بىلەن بۇ جەمەتتىكى قارا قورساقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىغا ئامەت قۇشى قونغان.
خەنزۇچە ئەمەس ئانا تىلى -ئۇيغۇر تىلىدا بىرەر پارچە ئىلتىماس يازالمايدىغان پايلاقچى ئۇيغۇر بولسا تۈزۈك ئوقۇش تارىخى بولمىغاچقا ھەم ئاساسەن ساۋادسىز بولغاچقا قىسىمدىن بېرىلگەن قايتۇرۇش پۇلىنى بانكىغا سېلىپ قويۇپ قايسى باشلىق ئالمىشىپ كەلسە شۇنىڭغا ئۇدۇللۇق خەجلەپ بېرىپ ھەم قىسىمدا ئۈگەنگەن كەسپىنى پايلاقچىلىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،باشقىلارنى توختىماي چېقىپ بەرگەچكە باشلىقلارنىڭ كۆزىگە ئىسسىقكۆرۈنۈپ قالغان.
مەن ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ھەم ئۇلارنىڭ ساپاسىدىن ئۈمىدسىزلەنمەكتىمەن. |
|