- تىزىملاتقان
- 2011-7-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14453
- نادىر
- 0
- يازما
- 736
ئۆسۈش
  11.13%
|
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى a.kaxkiriyدە2013-01-22 20:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇبارەك بولسۇن ئەلباش ئەپەندىم. تەلەيلىك ئىكەنسىلە، يانداش ھاكىمىڭلار قانداقلا بولمىسۇن ماشىنا ھەيدىيەلەيدىكە، ماشىنىنى بىر يەرگە سوقۇۋەتمەي ھەيدىيەلىگەن بولسا، ئەقلى ھۇشى جايىدىكەن. يەنە بىرى خەنزۇۋانكەن. ئامەت، ئامەت. بۇ باشلىققا شوپۇر، تەرجىمان كەتمەيدىكەن، يىلدا خەلقنىڭ نەچچە مىڭ كوي تەرجىمان، شوپۇرغا بېرىدىغان پۇلى ئايىلىپ قالىدىكەن.
ھە راست ، مۇھىم بىر ئارتۇقچىلىقى چۈشۈپ قاپتۇ ، ئۇ كىشى سورۇنلاردا ھاراقنى سۇدەك ئىچەلەيدۇ . ئەلۋەتتە بۇ ئارتۇقچىلىقمۇ ئەمەلدارلىق سورۇنىدا كام بولسا بولمايدىغان زۈرۈر شەرتلەرنىڭ بىرىغۇ ؟!
لېكىن شوپۇر ھاكىم ئاڭلىشىمچە ھاكىم بولغاندىن بىرى ماشىنىنى ئۆزى ھەيدىمەسمىش ، بۇنىڭدىكى سەۋەپ بىرى ، ھاكىم ماشىنا ھەيدەپ يۈرسە لىللا گەپ قىلغاندا چارچاپ كىتىدۇ . يەنە بىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈشنىڭ رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ھەيدىشىنى چەكلەش توغرۇلۇق مەخسۇس ھۆججىتى بار . تەرجىمانلىققا كەلسەك ، ھازىر باشلىقلارغا تەرجىمان سەپلەپ بىرىش دەيدىغان گەپ يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى باشلىقلارغا ھۈكۈمەتكە زۈرۈرىيىتى يوق . مەن ئاندا - ساندا ( يوقنىڭ ئورنىدا) ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى كۈرۈپ قالمىسام ئاساسەن ھەممىسى خەنچە ھۆججەت . قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خەنچەسەۋىيىسى ئۈسۈپ ، ھەممىسى خەنچە ھۆججەتلەرنى چۈشىنەلەيدىغان بۇلۇپ كەتتىمىكىن ؟
ھەق گەپ قىلغاندا مەنپەئەت سەۋەپلىك بولمىسىلا رەھبەرلەرنىڭ نىمە ئۈگەنگىنى ، بۇرۇن نىمە خىزمەت قىلغىنى مۇھىم ئەمەس پەقەت خىزمەت ئورنىغا لايىق ئىقتىدارى بولسا ، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن سۇقىدىغان قىپقىزىل يۈرىكى بولسا ، بارنى بار ، يوقنى يوق دەيدىغان جاسارىتى بولسا شۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك .............................. |
|