- تىزىملاتقان
- 2011-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9724
- نادىر
- 1
- يازما
- 474
ئۆسۈش
  94.48%
|
بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى albaxدە2013-01-23 11:02يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھە راست ، مۇھىم بىر ئارتۇقچىلىقى چۈشۈپ قاپتۇ ، ئۇ كىشى سورۇنلاردا ھاراقنى سۇدەك ئىچەلەيدۇ . ئەلۋەتتە بۇ ئارتۇقچىلىقمۇ ئەمەلدارلىق سورۇنىدا كام بولسا بولمايدىغان زۈرۈر شەرتلەرنىڭ بىرىغۇ ؟!
لېكىن شوپۇر ھاكىم ئاڭلىشىمچە ھاكىم بولغاندىن بىرى ماشىنىنى ئۆزى ھەيدىمەسمىش ، بۇنىڭدىكى سەۋەپ بىرى ، ھاكىم ماشىنا ھەيدەپ يۈرسە لىللا گەپ قىلغاندا چارچاپ كىتىدۇ . يەنە بىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈشنىڭ رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ھەيدىشىنى چەكلەش توغرۇلۇق مەخسۇس ھۆججىتى بار . تەرجىمانلىققا كەلسەك ، ھازىر باشلىقلارغا تەرجىمان سەپلەپ بىرىش دەيدىغان گەپ يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى باشلىقلارغا ھۈكۈمەتكە زۈرۈرىيىتى يوق . مەن ئاندا - ساندا ( يوقنىڭ ئورنىدا) ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى كۈرۈپ قالمىسام ئاساسەن ھەممىسى خەنچە ھۆججەت . قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خەنچەسەۋىيىسى ئۈسۈپ ، ھەممىسى خەنچە ھۆججەتلەرنى چۈشىنەلەيدىغان بۇلۇپ كەتتىمىكىن ؟
ھەق گەپ قىلغاندا مەنپەئەت سەۋەپلىك بولمىسىلا رەھبەرلەرنىڭ نىمە ئۈگەنگىنى ، بۇرۇن نىمە خىزمەت قىلغىنى مۇھىم ئەمەس پەقەت خىزمەت ئورنىغا لايىق ئىقتىدارى بولسا ، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن سۇقىدىغان قىپقىزىل يۈرىكى بولسا ، بارنى بار ، يوقنى يوق دەيدىغان جاسارىتى بولسا شۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك ..............................
لىكىن مەن دەيمەن ئەلباش ئەپەندى، پۇت يۇيدۇرۇش، ئۇلىتىش، قىمار، رەڭلىك سورۇن، پارا بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش، ياتاق ئاچقۇزۇش قاتارلىقلارغا بارغاندا كۆز قۇلاق بولۇپ قالىدىغان شوپۇرنى ئۆيۈڭگە قايت دەپ ئاۋارە قىلماسمىكىن دەيمەن.
بىر قىسىم خەنزۇۋانلارغا تەرجىمان بولمىسا، مىللىيلار بىلەن ئالاقە قىلالماي قىينىلىپ يۈرىدىكەن. |
|