- تىزىملاتقان
- 2016-1-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 366
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
  33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alpamixaziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-4 19:23
مەن سېرىق ئۇيغۇر دېگەن نام توغىرسىدا گەپ قىستۇرۇپ ئۆتەي:
سېرىق ئۇيغۇر دېگەن نام ھون دەۋرىدىكى «ساراغۇر »دېگەن نامدىن كەلگەن بولۇشى
مۇمكىن.بۇ سۆز «ئىبراھىم مۇتئى ماقالىلىرىدىن تاللانما »ناملىق كىتاپتا بىر قانچە
ماقالىدا ئۇچرايدۇ. ئالىم ئىبراھىم مۇتئى «ياۋروپاغا يۈرۈش قىلغان ھون قەبىلىلىرى
ئىچىدە كەم دېگەندە ئۈچ قەبىلە يەنى قۇرتارغار، ئوۋغار،ساراغۇر لار ئۇيغۇر قەبىلىلىرى»دەپ يازىدۇ. ساراغۇر -سېرىق ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ ئەڭ قەدىمكى
ئاتىلىشى بولسا كېرەك. ساراغۇر-سېرىق ئۇيغۇر قەبىلىسى ھون دەۋرىدىلا مەۋجۇت
بولغان.ئورخىۇن ئۇيغۇر خانلىقى بولسا ھون دەۋرىدىن 7،8 يىل كېيىن قۇرۇلغان.سېرىق
ئۇيغۇرلار ئورخۇن خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىگە ئايلانغانلىقىدا
گەپ يوق.گەرچە بۈگۈنكى كۈندە ساراغۇرلار-سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن ماكان،دىننىي
ئېتقاد،تىل جەھەتتە ئوخشاشلىقىمىز بولمسىمۇ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ
ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا ئىشلىتىلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى
ئىشلەتكەنلىكى،قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىلى سۈپىتىدە ھازىرغىچە قەدەرلەۋاتقانلىقىنى، 1200 يىل ئىلگىرىكى ئورخۇن خانلىقىنى ھازىرغىچە ئەجدادى
سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇلار ھەقىقەتەن قېرىندىشىمىز،
قېرىندىشىمىز بولغاندىمۇ تارىختىكى بوران -چاپقۇنلاردا ئەجدادىنى ئۇنتۇپ كەتمىگەن
ئۇلۇغ قېرىنداشلىرىمىزدۇر.
ئۇلارنىڭ سېرىق-سارىق ئۇيغۇر ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ توغۇرلۇق تارىخىي
مەنبەلەردىن ئىزدەپ بېقىشىمىز كېرەك. |
|