- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 38448
- نادىر
- 23
- يازما
- 1916
ئۆسۈش
  71.12%
|
jesur007 يوللىغان ۋاقتى 2015-10-10 21:46 
ئۇيغۇر،ئۆزبىك،قازاق،قىرغىز،دەپ كىملىك سۈرۈشتە قىلىم ...
سېرىق ئۇيغۇر تىلى تۈرك ئالتاي تىللىرى تۈركىمىگە تەۋە. سېرىق ئۇيغۇر تىلى خەلقئارا تىلشۇناس، مىللەتشۇناسلار تەرپىدىن ئۇيغۇر، تۈرك تىلىنىڭ تىرىك تاشقاتمىسى، دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ھازىر تىلى بار، يېزىقى يوق. ئورخۇن قاغانلىقى ۋە مەڭگۈ تاشلىرى، قامچۇ (گەنجۇ) ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن قالغان تەۋەرۈك تىلنى تا بۈگۈنگىچە سۆزلەپ كېلىۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلار پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى تىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ گۆھەر قازىدىغان كانى بولۇپ كەلمەكتە. بىراق، سېرىق ئۇيغۇرلار نوپۇسى شۇقەدەر ئاز بولسىمۇ شەرقى ۋە غەربى سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئىككى تارماققا بۆلىنىدۇ. غەربى سېرىق ئۇيغۇرلار ساپ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشسە، شەرقى سېرىق ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل تىلىدا (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئالامەتلىرىمۇ ئۇچىرايدۇ) سۆزلەيدۇ.
---
سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى پۈتكۈل دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ خانلىق قەبىلىسى بولغان ياغلاقار قەبىلىسىنىڭ قېنى! ئۇلار تا بۈگۈنگىچە ئۆزلىرىنىڭ خانلىق ئالتۇن ئۇرۇقتىن ئىكەنلىكىنى مىنۇت-سكونت ئۇنتۇپ قالماي ياشاپ كەلمەكتە!...ئەپسۇس، تىلى، مەدەنىيىتى قاتتىق خىرىسقا ئۇچىرىماقتا....بىزنىڭ ئازغىنە ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا يەككە يىگانە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار دەپ ئويلايمەن. |
|