- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9497
- نادىر
- 1
- يازما
- 568
ئۆسۈش
89.94%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-27 14:47
ماقالە ئاپتورىغا كۆپ رەھمەت!
داۋامىغا تەشنامەن.
ئىسلامنى سۆككۈچىلەر ئەقلى-ھۇشىنى يىغىۋېلىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھۇ تەئالا قۇرئانى كەرىمدە: «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەق دىن - ئىسلام دىنىدۇر» دەپ ، مۇندىن 14 ئەسىر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەمدى تۈۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ قويۇڭلار:
ئىسلام دىنى ئالەمشۇمۇل دىندۇر
ئىسلام دىنى ئالەمشۇمۇل دىندۇر
ئىسلام دىنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەلگەن ئالەمشۇمۇل بىر دىندۇر. )ئېيتقىنكى، ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى قولىدا بولغان، ئۆزىدىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ بولمىغان، تىرىلدۈرىدىغا ۋە ئۆلتۈرىدىغان ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۈممى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار([1]
ئىسلام دىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دىنى بولغانلىقتىن، ئۇ بارلىق پىرىنسىپلىرىدا، تەلىماتلىرىدا ۋە شەرىئىتىدە ئىنسان تەبىئىتى بىلەن تامامەن ماسلىشىدىغان، ئۇنىڭ جىمى مۈشكىلاتلىرىنى ھەل قىلىدىغان ۋە ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدىغان ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە بىر دىن. بۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى ئىنسانلار ئۈچۈن رەھمەت دىنى دېگەن ئىمتىيازغا سازاۋەر بولغان. بۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالا )بىز سېنى ئالەملەر ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق([2]دېگەن.
بىز ھەممىمىز ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتىمىز، قايتىشىمىزمۇ ئۇنىڭ تەرىپىگە بولىدۇ. بۇ قىسقىغىچە دۇنيا ھاياتىدىكى بارلىق ئىشلىرىمىز ئۇنىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ، بارلىق مۈشكىلاتلىرىمىز پەقەت ئۇنىڭ تۈزۈپ بەرگەن قانۇنى بىلەنلا ھەل بولىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر ئىجادكار ئۆزىنىڭ ئىجاد قىلغان نەرسىسىنىڭ سىرىنى بىلگەندەك، ياراتقۇچىمۇ بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ پايدىلىق ۋە نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ مۈشكىلاتلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا يۆلەنمەستىن ئوڭشىغىلى بولمايدۇ.
ئىنسانىيەت تارىخى ئىسلام دىنىدەك مۇكەممەل بىر دىننى، ئۇنىڭ قانۇنىدەك ئادالەتلىك بىر قانۇننى، ئۇنىڭ شۇئارىدەك ياڭراق بىر شۇئارنى، ئۇنىڭ ئەخلاقىدەك يۈكسەك بىر ئەخلاقنى كۆرگىنى يوق. زامانىمىزدىكى بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام نامىدىن ئىشلىگەن جىنايەتلىرى، يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلارنىڭ ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكى، دىنسىزلارنىڭ خۇراپى تەشۋىقاتلىرى سەۋەبلىك ئىسلامنىڭ سۈرىتى قىسمەن بۇرمىلانغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇ ئىنسانلارنى قايىل قىلىپ كەلمەكتە. غەربلىك مۇتەپەككۇرلارنىڭ، سىياسىيلارنىڭ ۋە ئالىملارنىڭ ئىسلام توغرۇلۇق ئېيتقان ئىنساپلىق سۆزلىرى بار. تۆۋەندە بىر قانچىسىنى نەقىل قىلىمىز:
1. ئەنگىلىيە شاھزادىسى چارلىز 1992-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىدە سۆزلىگەن ئىسلام ۋە غەربدېگەن تېمىدىكى لېكسىيەسىدە مۇنداق دېگەن: ئىسلام بىزگە تىنچلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ خرىستىئان دىنى قولدىن بېرىپ قويغان ئۆزگىچىلىكتۇر. ئىسلام دىنى ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ، دىن بىلەن ئىلىمنىڭ ۋە ئەقىل بىلەن تەبىئەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىشنى رەت قىلىدۇ.
2. ئەنگىلىيىلىك تىلشۇناس ۋە بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى پروفېسسور لېيون مۇنداق دەيدۇ: ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىكى شۇ يەردىكى، ئۇ ئەقلىي بىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دىن بولۇپ، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ پىكرىي ئېنېرگىيىسىنى توڭلىتىپ قويۇشقا ئەمەس، بەلكى تەرەققى قىلدۇرۇشقا چاقىرىدۇ.
3. گوللاندىيىلىك تارىخشۇناس ۋە تالانتلىق شائىر دوكتۇر ل. مېلما مۇنداق دەيدۇ: ئىسلام دىنىنىڭ ئىلغار بىر دىن ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇنىڭدا تەركىدۇنيالىق تەرغىب قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭدا باشقا دىنلاردا بولغاندەك دىنىي بېسىمدارلىق يوق، مۇسۇلمان ئادەم نەدىلا بولمىسۇن ھەقىقەتنى ئىزدەشكە چاقىرىلغان، ئىسلام دىنىدا قېرىنداشلىق بىلەن باراۋەرلىك ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇلغان، ئىسلام دىنى ئەقىلنى قەدىرلەيدۇ، ھاراقنى ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ھارام قىلغان.
4. ياپونىيىلىك ئىقتىسادشۇناس ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئى.م. مۇنداق دەيدۇ: ئىسلام تەلىماتلىرىنىڭ ئەقىلغا مۇۋاپىق ۋە ئۇڭايلىقى يۈزىسىدىن، ئاددى كىشىلەرمۇ ئۇنى چۈشىنەلەيدۇ ۋە تۇرمۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنىدا باشقا دىنلاردىكىدەك دىن ئادەملىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئالاھىدە ئۈستۈن تۇتىدىغانلارنى تاپقىلى بولمايدۇ.
5. ياپونىيىلىك ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ش. نوتاكى مۇنداق دەيدۇ: مەن بالىلىقىمدىن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن بۇددا دىنىنىي تەرك ئېتىپ ئىسلام دىنىغا كىرىشىم بىلەن كەڭ كەتكەن بىر روھىي ئالەمنى كەشىپ قىلغان بولدۇم ۋە ئۆمرۈم ئىچىدە تۇنجى قېتىم ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىدىم.
6. گېرمانىيەلىك شەرقشۇناس زېفىرد ھونك ئاللاھنىڭ نۇرى ياۋروپادا پارلايدۇناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: كىشىلەر دىنغا كىرىشكە زورلانمايدۇ. مانابۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ پىرىنسىپى بولۇپ، ئەرەبلەر ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان مىللەتلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە زورلىغان ئەمەس. ئىسلام دىنىنىڭ نۇرى پارلاش بىلەن خرىستىئانلىق بىر ئىزىدا توختاپ قالدى. مۇسۇلمان بولمىغان خرىستىئانلارمۇ خۇددى گۈل-چېچەكلەر قۇياش نۇرىغا تەلپۈنگەندەك، مۇسۇلمانلارغا تەلپۈنگەن ئىدى.[3]
7. ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غازالى غەربلىك شەرقشۇناس كونت ھېنرىنىڭ ئىسلام كەبىچىلىك دىنىدۇرناملىق ئەسىرىدىن مۇنۇ سۆزىنى نەقىل قىلىدۇ: ئىسلام دىيارلىرىدا ياشاۋاتقان خرىستىئانلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ شۇ ھەقىقەتكە يەتتىمكى، مۇسۇلمانلار خرىستىئانلارغا تولىمۇ ئېسىل ۋە تولىمۇ ئۈلگىلىك مۇئامىلە قىلغان. مۇنداق بىر ياخشىلىقنى مۇسۇلماندىن باشقىسىدىن كۆرگىلى بولمايدۇ.[4]
8. ئىمام مۇھەممدد ئابدۇ غەربلىك شەرقشۇناس ھانۇتۇنىڭ مۇنۇ سۆزىنى نەقىل قىلغان: بىز مۇسۇلمانلارغا ئادالەت، تىنچلىق ۋە كەچۈرۈمچانلىق جەھەتلەردىن كۆپ مىننەتدارمىز. بىز نۇ دىننى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرىنى چۈشىنىشكە مۇھتاجمىز.[5]
9. مەشھۇر مۇتەپەككۇر ئارتىر ھامىلتون مۇنداق دېگەن ئىكەن:ئىنسانلار ئەگەر ھەقىقەتنى ئىزدەيدىغان بولسا، ئىسلام دىننىڭ بارلىق ئىنسانىي مۈشكىلاتلارنى ھەل قىلالايدىغان بىر دىن ئىكەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلگەن بولاتتى.[6]
ئىسلامنىڭ مۇكەممەللىكى ئىسلام ئەڭ مۇكەممەل دىندۇر
1. ئىسلام دىنى ـ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە قوبۇل بولغان دىندۇر. ]ئاللاھنىڭ نەرىزىدە مەقبۇل دىن ئىسلامدۇر.[ [7]
2. ئىسلام دىنى -ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق باشقا ساماۋىي دىنلارغا خاتىمە بەرگەن ۋە ئىنسانلارغا ئۇنىڭ بىلەن نېمىتىنى تاماملىغان بىر دىندۇر. ]مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن بىرسىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر[([8]).
3. ئىسلام دىنى ـ ئاللاھ تائالا ئۇنى تا قىيامەتكىچىلىك پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دىنى بولۇشقا تاللىغان بىر دىندۇر. ]بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم. سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم. ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولوشقا تاللىدىم[ ([9]).
4. ئىسلام دىنى ـ ئاللاھقا قوبۇل بولغان بىرلا دىن بولۇپ، بونىڭدىن باشقىسى قەتئىي قۇبۇل قىلىنمايدۇ. ] ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قوبۇل بولغان دىن ئىسلام (دىنى) دۇر[([10])، ] كىمكى ئىسلام دىىنىدىن باشقا دىننى تىلەيدىكەن، ئۇ (ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر[([11]).
5 . ئىسلام دىنى ـ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىلغان دۇنياۋىي دىندۇر. ﴿ ئېيتقىنكى، ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنلارنىڭ پادشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئوممى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار. ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار[([12]).
6. ئىسلام دىنى ـ ئۆزىدىن بۇرۇنقى پۈتۈن ساماۋىي دىنلارنىڭ ئاساسلىق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋە تەلىماتلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان، مەقسەتلىرىنى ئورۇنلىغان بىر دىندۇر.﴿ بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىركى كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىد بولغۇچى ھەق كىتابنى چۈشۈردۇق[([13]).
7 .ئىسلام دىنى ـ بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان مەڭگۈلۈك دىندۇر. )مۇشرىكلەر يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىنىنى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى[([14]).
8. ئىسلام دىنى- ئۇنىڭغا چىن ئېتىقاد قىلىپ، ئەمەل قىلغۇچىلارنى ئەزىزلىققا ئېرىشتۈرىدىغان يېگانە دىندۇر.﴿ ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىننى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى[([15]).
ئىنسانلار ئېھتىياجلىق بولغان دىن ئىسلامدۇر
ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھېچكىم ھەقسىزلىككە ئۇچرىمايدىغان، دىن، رەڭ، مىللەت ۋە تىل پەرقى سەۋەبلىك يەكلەنمەيدىغان، قانۇن ئالدىدا دوست-دۈشمەن، يىراق-يېقىن، رەئىس- پۇقرا ھەممىسى باراۋەر بولالايدىغان، ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، ئۇنىڭ ماددىي ۋە ئەدەبىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق قوغدايدىغان بىرەر ئادالەتلىك، ھەققانىي دىنغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھەمىشە ھېس قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. مانا ئۇلار مۇھتاج بولغان دىن ئىسلام دىنىدۇر. چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئىنسان ئارزۇ قىلدىغانلارنىڭ ھەممىسى بار. كىشىلەرنىڭ ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان دىن بىرلا ئىسلام دىنىدۇر!
ئىسلام دىنى ئەقىدە ۋە شەرىئەتتىن ئىبارەت بولۇپ ئۇ، ئەقىدە ۋە شەرىئىتىدە ئەڭ تاكامۇللاشقان بىر ئىلغار دىندۇر. ئۇ كىشىلەرنى تۆۋەندىكىلەرگە بۇيرۇيدۇ:
1.ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىشقا بويرۇيدۇ، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن مەنئى قىلىدۇ.
2. ھەر ئىشتا راستچىللىققا بويرۇيدۇ، يالغانچىلىقتىن مەنئى قىلىدۇ.
3. ھەر كىمگە ئادالەتلىك بولۇشقا بۇيرۇيدۇ، ھەقسىزلىك قىلىشتىن مەنئى قىلىدۇ.
4. ھەر جايدا ئىشەنچلىك بولۇشقا بويرۇيدۇ، خىيانەت قىلىشتىن مەنئى قىلىدۇ.
5. بارلىق ئىشلاردا ۋاپادارلىققا بويرۇيدۇ، ۋاپاسىزلىقتىن مەنئى قىلىدۇ.
6. ئاتا ـ ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بويرۇيدۇ، ئۇلارنى قاخشىتىشتىن مەنئى قىلىدۇ.
7. ئۇرۇق ـ تۇغقاتلارغا سىلە ـ رھىم قىلىشنى بويرۇيدۇ، ئۇنى ئۈزۈپ قۇيۇشتىن مەنئى قىلىدۇ.
8. قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بويرۇيدۇ، ئۇلارغا يامانلىق قىلىشتىن مەنئى قىلىدۇ.
9. پاكىزىلىققا بويرۇيدۇ، پاسكىنىلىقتىن مەنئى قىلىدۇ.
10. رەھىم ـ شەپقەتلىك بولۇشقا بويرۇيدۇ، شەپقەتسىزلىك قىلىشتىن مەنئى قىلىدۇ.
11. شۇجائەتلىك ۋە سېخى بولۇشقا بويرۇيدۇ، قورقۇنچاقلىق ۋە بېخىللىقتىن مەنئى قىلىدۇ.
12. بىلىملىك، مەدەنىيەتلىك بولۇشقا چاقىرىدۇ، جاھىللىق ۋە قاششاقلىقتىن مەنئى قىلىدۇ.
13. كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك بولۇشقا بويرۇيدۇ، بۇزغۇنچىلىق ۋە زىيانكەشلىك قىلىشتىن مەنئى قىلدۇ.
14. پائالىيەتچان بولۇشقا بويرۇيدۇ، ھورۇنلۇق ۋە تەييارتاپلىقتىن مەنئى قىلىدۇ.
خۇلاسە قىلغاندا، ئىسلام دىنى كىشىلەرنى بارلىق ئېسىل ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا بويرۇيدۇ، ئۇلارنى پۈتۈن رەزىللىك، پەسكەشلىك ۋە ناچارلىقلاردىن مەنئى قىلىدۇ، بارلىق ياخشى ئىشلارغا بويرۇيدۇ ۋە بارلىق يامان ئىشلاردىن مەنئى قىلىدۇ.
[1] ئەئراف سۈرىسى157-ئايەت.
[2] ئەنبىيا سۈرىسى107-ئايەت.
[3] ئۇستاز مەرۋان ھەسەن ھەمۇدەنىڭمانا بۇ ئىسلامناملىق ئەسىرى3-بەت.
[4] ئەللامە مۇھەممەد غازالىنىڭالتعصب والتسامح بين المسيحية والإسلامناملىق ئەسىرىدىن.
[5] ئىمام مۇھەممەد ئابدۇنىڭالإسلام والمسيحية بين العلم والمدنيةناملىق ئەسىرىدىن.
[6] ئۇستاز مۇھەممەد ئوسماننىڭمحمد في لآداب العالمية المنصفةناملىق ئەسىرىدىن.
[7] ئال ئىمران سۈرىسى19-ئايەت.
([8])ئەھزاب سۈرسى 40 ـ ئايەت.
([9])مائىدە سۈرىسى 3 ـ ئايەت.
([10])ئال ئىمران سۈرىسى 19ـ ئايەت.
([11])ئالى ئىمران سورىسى 85 ـ ئايەت.
([12])ئەئراف سۈرىسى 158 ـ ئايەت.
([13])مائىدە سۈرىسى 48 ـ ئايەت.
([14])سەف سۈرىسى 9 ـ ئايەت.
([15])نۇر سۈرىسى 55 ـ ئايەت.
|
|