- تىزىملاتقان
- 2015-2-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2952
- نادىر
- 0
- يازما
- 171
ئۆسۈش
31.73%
|
Fatiha يوللىغان ۋاقتى 2015-4-25 22:09
بۇنى ئوقۇپ چېقىپ بەزەن نەرسىلەرنى ھېس قىلغان بولدۇ ...
فاتىھە، ياكى فاتىخە تورداش. خانىم ياكى خانقىز، ۋە ياكى ئەپەندىم. ئىنكاسىڭىزدىن بەزى شەخسى ھېسىياتچان قاراشلار تۈكۈلۈپ قاپتۇ. سىزگە كىم دېدى؟! سىزگە كىم دېدى ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئاخرىقى چەككە كېلىپ قالدى دەپ؟ يەنە بىرى، سىزگە كىم؟ ھەم قانداق ئەۋلىيا سۈپەت، كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان دانىشمەن موللام دېدى زامان ئاخرى بولۇپ قالدى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ئوچۇق، ئاشكارە يۈز بېرۋاتقان زاماندا بۇ دەپ؟!
بىرىنچىدىن: سىزگە دېسەم ئىلىم-پەن تەرەققىياتى، يەنى ئىنسانلارنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئاخرىقى چەككە بېرىپ قالغىنى يوق. ئەگەر شۇنداق بولسا ئىنسانىيەت ھەم يەر شارىنىڭ ھاياتلىق ھەم مەۋجۇتلۇق بوشلىقىنىڭ ئۇچۇق-ئاشكارە ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقان ئەمەلىيىتى باشلانغان ۋاقتى بولىدۇ. ناۋادا شۇنداق بولسا مانا بۇنى ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ ئاخرىقى چەككە يېتىپ قالدى دېسەك بولىدۇ. ئەمما ھازىرغا نىسبەتەن ‹‹ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ ئاخرىقى چەككە يېتىپ قالدى›› دېيىش سەل بىمەنە، ھەم قۇلاققا خۇددى بىر (پ)فىتنە-(پ)فاساتتەك ئاڭلىنىپ قالىدىكەن. ئەگەر مۇسۇلمانلار جۈملىدىن ئەرەبلەر، ئەينى يىللىرى ئايغا ئامېرىكا ئەمەس بەلكىم بىز چوڭ دادىمىزدەك بىلىدىغان ئەرەبلەر چىققان بولسا، ھەم ھەم مارىسقا تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى ئەرەبلەر چىقارغان بولسا. ۋە يەنە ھازىرقى دۇنيانىڭ ئاتامانىمۇ ئەرەبلەر بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ دۇنيا قانداق ھالەتتە؟ قانداق ۋەزىيەتتە؟ قانداق ئەھۋالدا بولغان بولاتتى؟! ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن ئەرەبلەر سىز-بىزدەك يەنىلا ‹‹ ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئاخرىقى چەككە بېرىپ قالدى›› دەپ قارامدىغاندۇ؟ ياكى ھەر قايسى قىتئەلەرگە زېمىن ئىگەللەش ياكى تاجاۋۇزچىلىك ئەمەس ھە؟!~! بەلكى ھەققە يېتەكلەش ئۈچۈن ياكى ‹‹فەتىھ›› قىلىشقا ئاتلىنارمۇ؟.......
يەنە بىرى ‹‹قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ئوچۇق، ئاشكارە يۈز بېرۋاتقان بۇ زاماندا›› دېگەن گېپىڭىز بولسا، بۇ 1000 يىللار بۇرۇنلا بار گەپمىكىن دەيمەن. بۇرۇنى ئەرەبلەردىن، كېيىنى بىزگىچە. ئەينى ۋاقىتتا چىڭگىزخاننىڭ ئەسكەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا قىلىپ بولۇپ داۋاملىق غەرىپكە سۈرۈلۈپ ئەرەب زېمىنى باسقاندا شۇ چاغلاردىمۇ ھۆكۈمدارلار ھەم خەلىق ئارىسىدا مۇشۇنداق قاراشلار چىققان بولۇشۇ مۇمكىن. ھەم .ۇنىڭدىن كېيىنلا تۈرك ئوسمان ئىمپىرىيىسىئەتىراپىدىكى زېمىنلار، ياۋرۇپانىڭ بىر قىسىم زېمىنى ھەم ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە شىمالىي ئافىرىقىنى بىر قىسىم زېمىنلىرىنى باستى. كېيىن ............19 ئەسىرنىڭ ئاخرى ئەرەپلەر ياۋرۇپا خرىستىئانلىرى بولغان بۈيۈك بىرىتانىيە، يەنى ئەنگىلىيە ئىمپىرىيەسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ تۈرۈكلەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ئۆزلىرىگە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم قىلىشىنى ئېيتقان. ئاقىۋەت ئۇ خرىستىئان ئېنگىلىسلار ياردەم قىلغان كېيىن قانداق بولدى؟! .... ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ ئەرەبلەر يەنە ئۆزىلىرىنىڭ ئاجىز ھەم بولۇمسىزلىقىدىن كۆرمەي، ھەممىنى تەغدىرگە يۆلەپ، شۇ چاغدىكى ئەرەبلەرنىڭ خرىستىئان باسمىچىلىرىنىڭ تاپىنى ئاستىدىكى ئەرەبلەر ‹‹بۇ دۇنيا ئۇلارنىڭ، ئۇ دۇنيا بىزنىڭ›› دېگەندەك ‹‹پەلسەپەگە›› ئوخشاش ‹‹زامان ئاخرى بولۇپ قالدى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ئوچۇق-ئاشكارە يۈز بېرىۋاتىدۇ›› دېگەن بولغىيمىتى.(بۇنداق قاراش بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپىنىڭ ئارىسىدىمۇ بەك ئېغىر) ...............
ئەگەر شۇنداق بولسا ئادەمگە خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك رەقىبىگە كۈچى يەتمەي ئۇنىڭ ئۆلىمىنى تىلەش ئارقىلىق ئۆزىگە مەجبۇرى تەسسەلى تاپقاندەك بىر تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن.
ئاخرىدا دېمەكچى بولغىنىم، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز ھەم ئەھۋالىمىزنى چۈشۈنەيلى ھەم تەتقىق قىلايلى. ئارتۇقچىلىقىمىزنى ھەم مۇھىمى ئۆز-ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىق ھەم يېتەرسىزلىكىمىزنىمۇ يۈرەكلىك ھەم ھەقىقەت نۇقتىسىدىن دادىل ئېتىراپ قىلايلى!
چۈنكى بىزگە ھازىر ھەممىدىن مۇھىمى قايسى خىل قاتلام ۋە قايسى خىل ئېتىقاد(كىشىلىك ياكى دىننىي) تا بولايلى، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھەم ئۆز-ئارا بىرلىشىپ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش! مېنىڭچە بىزگە ھەممىدىن مۇھىمى مۇشۇ..........................
|
|